62
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «يەدۇتۇن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 بىر خۇدادىنلا مېنىڭ جېنىم ئارام تاپىدۇ،
مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىن كېلىدۇ.
‏3 پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ۋە نىجاتكارىم.
ئۇ مېنىڭ ئېگىز قەلئەم بولغاچقا، مەن تەۋرەنمەيمەن.
‏4 سىلەر قاچانغىچە ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟
سىلەر ھەممىڭلار ئۇنى بىر قىيسىق تام
ياكى لىڭشىق بىر قاشا كەبى يىقىتماقچىمۇ؟
‏5 ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەتلا
ئۇنى مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتۇر.
ئۇلار يالغانچىلىققا بېرىلىپ،
ئاغزىنىڭ ئۇچىدا بەرىكەت تىلەيدۇ،
لېكىن كۆڭلىدە لەنەت ئوقۇيدۇ.
سېلاھ.
 
‏6 ئەي جېنىم، خۇدادىن ئارام تاپقىن،
چۈنكى ئۈمىدىم ئۇنىڭدىدۇر.
‏7 پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ۋە نىجاتكارىمدۇر.
ئۇ مېنىڭ ئېگىز قەلئەم بولغاچ،
مەن تەۋرەنمەيمەن.
‏8 نىجاتلىقىم ۋە شان-شۆھرىتىم خۇدادىندۇر.
قۇدرەتلىك قورام تېشىم ۋە پاناھگاھىم خۇدادۇر.
‏9 ئەي خالايىق، ھەمىشە ئۇنىڭغا تايىنىڭلار،
يۈرەكتىكى دەردلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئالدىدا تۆكۈڭلار.
بىزنىڭ پاناھگاھىمىز خۇدادۇر.
سېلاھ.
 
‏10 ئادەم بالىلىرى پەقەتلا بىر تىنىقتۇر،
ئېسىلزادىلەرمۇ بىر يالغاندۇر.
ئۇلار تارازىغا سېلىنغاندا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ،
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلسىمۇ، نەپەستىن يېنىك چىقىدۇ.
‏11 سىلەر زۇلۇمغا تايانماڭلار،
بۇلاڭچىلىقتىن پايدا تېپىشنى ئويلىماڭلار.
ئەگەر بايلىقىڭلار ئاۋۇپ كەتسە،
ئۇنىڭغا كۆڭۈل بەرمەڭلار.
‏12 خۇدا بىر قېتىم سۆزلىدى،
مەن ئىككى قېتىم بۇنى ئاڭلىدىم:
«كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر».
‏13 ئەي ئىگەم، مېھىر-شەپقەتمۇ ساڭا مەنسۇپتۇر.
سەن ھەربىر ئادەمگە ئۆز ئەمەللىرىگە قاراپ قايتۇرىسەن.