63
‏1 داۋۇد يەھۇدا چۆلىدە تۇرغان چاغدا يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ خۇدايىم.
مەن تاڭ سەھەردە سېنى ئىزدەيمەن،
جېنىم ساڭا تەشنادۇر.
سۈيى يوق قۇرۇق، قاقاس زېمىندا
ۋۇجۇدۇم سېنى سېغىنىدۇ.
‏3 سېنىڭ قۇدرىتىڭ ۋە شان-شەرىپىڭنى كۆرەي دەپ،
مۇقەددەس جايدا ساڭا تەلمۈرۈپ قارىدىم.
‏4 چۈنكى سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ ھاياتتىن ئەۋزەلدۇر.
لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ.
‏5 مەن ئۆمرۈم بويى سېنى ئۇلۇغلايمەن.
سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن.
‏6 جېنىم يىلىك ۋە ياغدىن تويغاندەك بولىدۇ.
ئاغزىم خۇشاللىق بىلەن سېنى مەدھىيىلەيدۇ.
‏7 ئورنۇمدا ياتسام، سېنى ياد ئېتىمەن،
تۈن كېچىلەردە سېنى ئويلايمەن.
‏8 چۈنكى سەن مېنىڭ ياردەمچىمسەن،
سېنىڭ قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا شادلىنىپ ناخشا ياڭرىتىمەن.
 
‏9 جېنىم ساڭا يېپىشىپ ئەگىشىدۇ،
ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ.
‏10 لېكىن مېنىڭ جېنىمنى يوقىتىشنى قەستلىگەنلەر،
يەرنىڭ تېگىگە چۈشۈپ كېتەر.
‏11 ئۇلار قىلىچقا تاپشۇرۇلار،
چىلبۆرىلەرگە يەم بولار.
‏12 پادىشاھ بولسا خۇدادىن شادلىنار،
ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۇلۇغلار،
چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئاغزى يۇمۇلار.