64
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي خۇدا، پەرياد قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغىن،
جېنىمنى دۈشمەننىڭ قورقۇتۇشىدىن ساقلىغىن.
‏3 مېنى رەزىللەرنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن،
يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ مالىمانچىلىق چىقىرىدىغان توپىدىن ساقلىغىن.
‏4 چۈنكى ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك بىلەيدۇ،
ئاچچىق گەپلەرنى ئوقيادەك بەتلەيدۇ.
‏5 ئۇلار بىگۇناھ كىشىنى ئېتىش ئۈچۈن
يوشۇرۇن جايدا مۆكۈپ تۇرۇپ،
تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ئوق ئاتىدۇ،
چۈنكى ئۇلار ھېچ نېمىدىن قورقمايدۇ.
‏6 ئۇلار بىر-بىرىنى يامانلىققا قۇترىتىپ:
«كىم بىزنى كۆرەتتى؟» دەپ
يوشۇرۇن قىلتاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىدۇ.
‏7 ئۇلار سۇيىقەستلەرنى ئويلاپ چىقىپ:
«مانا، مەسلىھەتىمىز ئوبدان پىشتى» دەيدۇ.
ئىنساننىڭ ئىچكى ئوي-خىياللىرى
يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇلغاندۇر.
 
‏8 لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتار.
ئۇلار تۇيۇقسىز زەربە يەر.
‏9 ئۇلار ئۆز تىللىرىدىن ئىلىنىپ، يىقىلىپ چۈشەر.
ئۇلارنى كۆرگەنلەر ئارقىغا چېكىنەر.
‏10 ھەممە خەلق قورقۇپ، خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلار.
ئۇلار ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۈستىدې ئويلىنىپ، ساۋاق ئالار.
‏11 ھەققانىي ئادەم پەرۋەردىگاردىن شادلىنىپ، ئۇنىڭغا تايىنار.
كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەر.