65
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان ناخشا. بىر مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي خۇدا، سىئوندا ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىلىدۇ،
ۋەدىلەر ساڭا ئادا قىلىنىدۇ.
‏3 ئەي دۇئانى ئىجابەت قىلغۇچى،
ھەممە ئىنسان سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىدۇ.   
‏4 يامان ئىشلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كەلدى،
لېكىن سەن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىسەن.
‏5 سەن ئۇنى ھويلىلىرىمدا ئولتۇرسۇن دەپ تاللىغان،
ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
بىز سېنىڭ بەيتىڭنىڭ بەرىكىتىدىن،
ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەس نېمىتىدىن تويۇپ سۆيۈنىمىز.
‏6 ئەي بىزنىڭ نىجاتكارىمىز بولغان خۇدا،
يەرنىڭ چەتلىرى ۋە دېڭىزنىڭ يىراق جايلىرىغىچە پاناھگاھ بولغۇچى،
سەن ئاجايىپ ئىشلار قىلىپ،
ئادالەت بىلەن دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىسەن.
‏7 سەن قۇدرەت بىلەن بېلىڭنى باغلاپ،
ئۆز كۈچۈڭ بىلەن تاغلارنى تۇرغۇزۇپ تىكلىدىڭ.
‏8 سەن دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن سۇلىرىنى،
دولقۇنلىرىنىڭ شاۋقۇنلىرىنى
ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى چۇقانلارنى تىنجىتقۇچىسەن.
‏9 يەرنىڭ چەتلىرىدە ياشاۋاتقانلار
كارامەتلىرىڭدىن ئەيمىنەر.
كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشنى شادلىق ساداسىغا تولدۇرىسەن.
 
‏10 سەن يەرنى يوقلاپ، ئۇنى سۇغىرىپ يۇقىرى ھوسۇللۇق قىلىسەن،
چۈنكى خۇدانىڭ دەرياسى سۇغا تولغان.
سەن ئادەملەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە يەرنى راسلايسەن.
‏11 سەن ئۇنىڭ چۆنەكلىرىنى كەڭرىچىلىك بىلەن سۇغىرىپ،
يامغۇر بىلەن ئۇنى يۇمشىتىپ،
ئۇنىڭدا ئۈنگەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىسەن.
‏12 سەن يىلنى ياخشى نېمەتلىرىڭ بىلەن تاجلاندۇرىسەن.
قەدەملىرىڭدىن ياغ تېمىپ تۇرۇپ،   
‏13 باياۋاننىڭ يايلاقلىرىغا تامچىلاپ چۈشىدۇ.
دۆڭلۈكلەر شادلىقنى بەلۋاغ قىلىدۇ.
‏14 يايلاقلار پادىلاردىن غۇچ-غۇچ تولۇپ كەتكەن،
ۋادىلار ئاشلىق بىلەن قاپلانغان.
ئۇلار خۇشاللىقتىن چۇقان سېلىپ،
ناخشا ياڭرىتىدۇ.