66
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان ناخشا، بىر مەدھىيە ناخشىسى.
 
ئەي بارلىق ئەللەر،
خۇدانى مەدھىيىلەپ ئاۋازىڭلارنى ياڭرىتىڭلار.
‏2 ئۇنىڭ نامىنىڭ شان-شەرىپىگە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار،
مەدھىيىلەر بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار.
‏3 سىلەر خۇداغا مۇنداق دەڭلار:
«سېنىڭ ئىشلىرىڭ نەقەدەر ھەيۋەتلىكتۇر،
سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىڭدىن قورقۇپ ساڭا بويسۇنىدۇ.
‏4 ھەممە ئەللەر ساڭا سەجدە قىلىپ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ،
نامىڭغا ھەمدۇسانا ئوقۇيدۇ».
سېلاھ.
 
‏5 كېلىڭلار، خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى كۆرۈڭلار.
ئۇنىڭ ئادەم بالىلىرىغا قىلغان ئىشلىرى ھەيۋەتلىكتۇر.
‏6 ئۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن،
ئۇلار دەريادىن پىيادە ئۆتۈپ كەتتى.
بىز ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق.
‏7 ئۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئەبەدكىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
ئۇنىڭ كۆزلىرى خەلقلەرنى كۆرۈپ تۇرغاچقا،
ئاسىيلار تەكەببۇرلۇق قىلمىسۇن.
سېلاھ.
 
‏8 ئەي خالايىق، خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار،
ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
‏9 چۈنكى ئۇ جېنىمىزنى تىرىك ساقلىغان،
پۇتلىرىمىزنىڭ تېيىلىپ كېتىشىگە يول قويمىغان.
‏10 ئەي خۇدا، سەن بىزنى سىنىدىڭ،
كۈمۈش تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ.
‏11 سەن بىزنى تورغا چۈشۈردۈڭ،
دۈمبىمىزگە ئېغىر يۈك ئارتىپ قويدۇڭ.
‏12 باشلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە خەلقلەرنى مىندۈردۈڭ،
بىزنى ئوت ۋە سۇدىن ئۆتكۈزدۈڭ.
لېكىن بىزنى يەنە كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ.
‏13 مەن بولسام، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ
سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرىمەن.
‏14 ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغىنىمدا ئاغزىمدىن چىققان،
لەۋلىرىم ساڭا سۆزلىگەن ۋەدىلىرىمنى
ساڭا ئادا قىلىمەن.
‏15 سېمىز ھايۋانلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە،
قوچقارلارنىڭ خۇشبۇيى بىلەن بىللە ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن،
بۇقا ۋە تېكىلەرنىمۇ ساڭا سۇنىمەن.
سېلاھ.
 
‏16 ئەي خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى، كېلىپ ئاڭلاڭلار.
مەن ئۈچۈن ئۇنىڭ نېمە قىلغىنىنى مەن سىلەرگە دەپ بېرەي.
‏17 ئاغزىم بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم.
تىلىم بىلەن ئۇنى مەدھىيىلىدىم.
‏18 ئەگەر مەن كۆڭلۈمدە يامان خىيال قىلغان بولسام،
ئىگەم ماڭا قۇلاق سالماس ئىدى.
‏19 لېكىن خۇدا مېنى تىڭشاپ،
دۇئايىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى.
‏20 دۇئايىمنى رەت قىلمىغان،
مېھىر-شەپقىتىنى مەندىن ئايىمىغان خۇداغا
ھەمدۇسانا بولغاي.