67
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئېيتىلسۇن دەپ يېزىلغان مەدھىيە ناخشىسى.
سېلاھ.
 
‏2 خۇدا بىزگە رەھىمدىل بولۇپ، بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي،
يۈزىنىڭ نۇرلىرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي.
سېلاھ.
 
‏3 شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ يولۇڭ يەر يۈزىدە ئاشكارا بولار،
قۇتقۇزغۇچى كۈچۈڭ ھەممە ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولار.
‏4 ئەي خۇدا، خەلقلەر سېنى مەدھىيىلىگەي،
ھەممە خەلقلەر ساڭا ھەمد ئېيتقاي.
‏5 ئەللەردىكىلەر خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلغاي،
چۈنكى سەن خەلقلەر ئۈستىدىن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن،
يەر يۈزىدىكى ئەللەرنى يېتەكلەيسەن.
سېلاھ.
 
‏6 خەلقلەر سېنى مەدھىيىلىگەي، ئەي خۇدا،
ھەممە خەلقلەر ساڭا ھەمد ئېيتقاي.
‏7 يەر ھوسۇلىنى بەردى.
خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.
‏8 خۇدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي،
يەر يۈزىنىڭ ئەڭ چەتلىرىگىچە ئىنسانلار ئۇنىڭدىن قورققاي.