68
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 خۇدا قوزغالسۇن،
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولسۇن،
ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن.
‏3 تۈتۈن ئۆرلەپ تارىلىپ كەتكەندەك
سەن ئۇلارنى تارىتىۋېتىسەن.
ئاق موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىپ كەتكەندەك
يامانلار خۇدانىڭ ئالدىدا ھالاك بولىدۇ.
‏4 ئەمما ھەققانىيلار بولسا خۇشال بولىدۇ.
ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىپ، خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
‏5 خۇدانى كۈيلەڭلار،
ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار.
چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتۈپ ماڭغۇچىغا ئېگىز يول ھازىرلاڭلار.
ئۇنىڭ نامى پەرۋەردىگاردۇر.
ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.   
‏6 ئۇ يېتىملارنىڭ ئاتىسى ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى،
ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر.
‏7 خۇدا يالغۇز بولغانلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ،
زەنجىر بىلەن باغلانغانلارنى ئازادلىققا چىقىرىدۇ.
ئەمما ئاسىيلار قاقاس زېمىندا ياشايدۇ.
 
‏8 ئەي خۇدا، سەن خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا،
چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ بارغىنىڭدا،
سېلاھ.
 
‏9 خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەر تەۋرىنىپ كەتتى، ئاسمان يېغىن ياغدۇردى.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا
سىنا تېغى سىلكىنىپ كەتتى.
‏10 سەن، ئەي خۇدا، مول يامغۇر ياغدۇردۇڭ،
خارابلاشقان مىراس زېمىنىڭنى ياشارتىپ كۈچلەندۈردۈڭ.
‏11 ئۇنىڭ ئىچىدە سېنىڭ خەلقىڭ ماكان تۇتتى.
ئەي خۇدا، مېھرىبانلىقىڭدا ئۇنى بىچارىلەر ئۈچۈن راسلاپ بەردىڭ.
‏12 ئىگىمىز سۆزىنى ئەۋەتتى.
چوڭ ئاياللار توپى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى.
‏13 قوشۇنلارنىڭ پادىشاھلىرى بولسا قېچىپ كەتتى.
ئۆيدە قالغان ئاياللار ئولجىنى بۆلۈشتى.
‏14 سىلەر قوتانلىرىڭلار ئىچىدە ياتقىنىڭلاردا،
قاناتلىرى كۈمۈشتىن بولغان،
پەيلىرى ساپ ئالتۇندىن قاپلانغان كەپتەرگە ئوخشايسىلەر.
‏15 ھەممىگە قادىر خۇدا زېمىندىكى پادىشاھلارنى تىرىپىرەن قىلغىنىدا،
يەر قار قاپلىغان زالموننىڭ تېغىدەك ئاپئاق بولدى.
‏16 باشان تېغى ھەيۋەتلىك تاغدۇر.
باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر.
‏17 ئەي ئېگىز تاغلار، نېمىشقا خۇدا ئۆزىگە
ماكان قىلىپ تاللىغان تاغقا ھەسەت بىلەن قارايسىلەر؟
پەرۋەردىگار شۇ تاغدا ئەبەدكىچە ماكان تۇتىدۇ.
‏18 خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەنلىگەندۇر،
مىڭ مىڭلىغاندۇر.
ئىگەم ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ.
ئۇ سىنا تېغىدىن مۇقەددەس جايغا كېلىدۇ.
‏19 سەن يۇقىرىغا چىققاندا ئەسىرلەرنى ئېلىپ كېتىسەن،
ئادەملەردىن ھەدىيەلەر قوبۇل قىلىسەن، ھەتتا ئاسىيلاردىن.
پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ.
 
‏20 ھەر كۈنى يۈكلىرىمىزنى كۆتۈرىدىغان ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا بولغاي.
ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدىغان خۇدايىمىزدۇر.
سېلاھ.
 
‏21 خۇدايىمىز نىجاتلىق ئاتا قىلىدىغان خۇدادۇر،
ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئىگىمىز پەرۋەردىگارغا خاستۇر.
‏22 لېكىن خۇدا دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى يارىدۇ،
گۇناھ يولىدا مېڭىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئېزىدۇ.
‏23 ئىگىمىز مۇنداق دېدى:
«مەن ئۇلارنى باشاندىن قايتۇرۇپ كېلىمەن،
مەن ئۇلارنى چوڭقۇر دېڭىزنىڭ تېگىدىن قايتۇرۇپ كېلىمەن.
‏24 شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ،
ئىتلىرىڭنىڭ تىلىمۇ ئۇلاردىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ».
‏25 ئەي خۇدا، خەلق سېنىڭ مېڭىپ يۈرگىنىڭگە نەزەر سالدى،
ئەي خۇدايىم، مېنىڭ پادىشاھىم،
ئۇلار مۇقەددەس جايغا كىرگىنىڭنى كۆردى.
‏26 ئالدىدا ناخشا ئېيتقۇچىلار يۈردى،
كەينىدىن ساز سالغۇچىلار ئەگىشىپ كەلدى.
داپ چالىدىغان قىزلار بولسا ئوتتۇرىدا ئىدى:
‏27 «ئەي ئىسرائىلنىڭ بۇلىقىدىن چىققانلار،
يىغىلىشلاردا رەببىمىز خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېيىشتى.
‏28 قەبىلىلەرنىڭ كىچىكى بولغان بەنيامىن باشلامچى بولۇپ ئالدىدا ماڭدى.
كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ماڭغان يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى،
زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى ۋە نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ ئەگەشتى.
‏29 سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا كۈچ ئاتا قىلدى.
ئەي خۇدا، بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگىن.
‏30 يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن
پادىشاھلارمۇ ساڭا ھەدىيە ئېلىپ كېلىدۇ.
 
‏31 قومۇشلۇقتىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا،
بۇقىلارنىڭ توپى ۋە موزايلارغا ئوخشايدىغان خەلقلەرگە تەنبىھ بەرگىن.
ئۇلار كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ساڭا بويسۇنسۇن.
جەڭ قىلىشقا ئامراق خەلقلەرنى پاراكەندە قىلغىن.
‏32 مىسىردىن ئەمىرلەر چىقىپ كېلىدۇ،
كۇش خەلقى ئالدىراپ قوللىرىنى خۇدا تەرەپكە كۆتۈرىدۇ.
‏33 ئەي يەر يۈزىنىڭ پادىشاھلىقلىرى، خۇدانى كۈيلەڭلار،
ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار.
سېلاھ.
 
‏34 ئۇ قەدىمدىن بار بولغان ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى ئۈستىگە مىنىپ يۈرگۈچى،
ئۇ ئاۋازىنى، قۇدرەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ.
‏35 خۇدانىڭ قۇدرىتىنى تونۇڭلار!
ئۇنىڭ شان-شەۋكىتى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىدۇر،
ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇلۇتلاردا نامايان بولىدۇ.
‏36 ھەيۋەتلىكسەن، ئەي خۇدا، مۇقەددەس جايىڭدا.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆز خەلقىگە قۇدرەت ۋە قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.
خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي.
ئىسرائىلىيەنىڭ تاغ-جىلغىلىرى («زەب.» 16:68)