69
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان ناخشا.
 
‏2 ئەي خۇدا، مېنى قۇتقۇزغىن،
چۈنكى سۇلار مېنى بېسىپ، تۇمشۇقۇمغا يەتتى.
‏3 مەن تېگى يوق چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ قالدىم،
چوڭقۇر سۇلار ئىچىگە چۆكۈپ كەتتىم،
كەلكۈن مېنى غەرق قىلدى.
‏4 مەن پەرياد قىلىپ ھالىمدىن كەتتىم.
گېلىم قۇرۇدى.
خۇدايىمغا تەلمۈرۈپ، كۆزلىرىم تېلىپ كەتتى.
‏5 سەۋەبسىز ماڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلار بېشىمدىكى چاچتىنمۇ كۆپتۇر.
ماڭا ناھەق دۈشمەن بولۇپ، مېنى يوقىتىشنى قەستلىگۈچىلەر كۈچلۈكتۇر.
مەن ئېلىۋالمىغان نەرسىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىمەن.
‏6 ئەي خۇدا، نادانلىقىمنى سەن بىلىسەن،
گۇناھلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس.
‏7 ئەي رەببىم، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار،
ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇياتتا قالمىسۇن.
ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى،
سېنى ئىزدىگۈچىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىسۇن.
‏8 چۈنكى سەن ئۈچۈن مەن ھاقارەتلەندىم،
سەن ئۈچۈن خىجالەت يۈزۈمنى قاپلىدى.
‏9 مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا ناتونۇشتەك كۆرۈنۈپ قالدىم،
ئانامنىڭ ئۆز بالىلىرىغا يات بولۇپ قالدىم.
‏10 چۈنكى ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق غەيرىتىم مېنى يەپ كەتتى،
ساڭا ھاقارەت قىلغۇچىلارنىڭ ھاقارىتى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى.
‏11 مەن يىغلاپ روزا تۇتۇپ جېنىمنى قىينىسام،
ئوخشاشلا ئىزا-ئاھانەتكە قالدىم.
‏12 مەن بۆز رەختكە يۆگىنىپ قايغۇرۇپ يۈرسەم،
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قالدىم.
‏13 دەرۋازىدا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ تەنە گېپىگە قالدىم،
مەيخورلارنىڭ قوشاقلىرىغا قېتىلدىم.
 
‏14 لېكىن مەن بولسام، ئەي پەرۋەردىگار،
مۇۋاپىق ۋاقىتتا ساڭا دۇئا قىلىمەن.
ئەي خۇدا، كاتتا مېھىر-شەپقىتىڭ ۋەجىدىن،
ۋاپادارلىقىڭدا ماڭا جاۋاب بېرىپ مېنى قۇتقۇزغىن.
‏15 پاتقاقنىڭ ئىچىدىن مېنى چىقارغىن،
پېتىپ كېتىشىمگە يول قويمىغىن.
ماڭا ئۆچلەردىن مېنى قۇتقۇزغىن،
ۋە چوڭقۇر سۇلاردىن مېنى قۇتۇلدۇرغىن.
‏16 كەلكۈن سۇلىرى مېنى بېسىپ كەتمىسۇن،
چوڭقۇر سۇلار مېنى يۇتۇۋالمىسۇن،
ھاڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە ئاغزىنى ئېتىۋالمىسۇن.
‏17 ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگىن،
چۈنكى سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ كاتتىدۇر.
چەكسىز رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگىن.
‏18 خىزمەتكارىڭدىن يۈزۈڭنى يوشۇرمىغىن،
ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن،
چۈنكى ئازاب-ئوقۇبەتتە قالدىم.
‏19 ماڭا يېقىنلىشىپ، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغىن،
مېنى دۈشمەنلىرىمدىن ئازاد قىلغىن.
‏20 مېنىڭ قانداق قىلىپ ھاقارەتكە ئۇچرىغىنىمنى،
ئۇياتقا ۋە ئاھانەتكە قالغىنىمنى سەن بىلىسەن،
ماڭا قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىسەن.
‏21 ھاقارەت يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلدى.
مەن دەردكە تولدۇم.
دەردلەشكۈدەك بىرىنى ئىزدىدىم،
بىرىمۇ چىقمىدى.
تەسەللى بەرگۈچىلەرگە تەلمۈردۈم،
ئەمما بىرىنىمۇ تاپالمىدىم.
‏22 ئۇلار يېيىشكە ماڭا ئۆت بەردى،
ئۇسسىغىنىمدا ماڭا سىركە ئىچۈردى.
‏23 ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي،
ھەمراھلىرىغا قاپقان بولغاي.
‏24 كۆزلىرى كۆرەلمىگۈدەك قاراڭغۇلىشىپ كەتسۇن،
بەللىرى ھەمىشە تىترەپ تۇرسۇن.
‏25 قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغىن،
غەزەپ ئوتۇڭ ئۇلارغا تۇتاشسۇن.
‏26 ئۇلارنىڭ ماكانى ۋەيران بولسۇن،
چېدىرلىرىدا ئولتۇرىدىغانلار قالمىسۇن.
‏27 چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ،
سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا ئازاب قوشىدۇ.
‏28 ئەمدى سەن ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقىن،
ئۇلار سېنىڭ ئادالىتىڭنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسىگە ئېرىشمىسۇن.
‏29 ئۇلارنىڭ ئىسمى ھاياتلىق كىتابىدىن ئۆچۈرۈلسۇن،
ھەققانىيلارنىڭ قاتارىغا پۈتۈلمىسۇن.
‏30 ئەمما مەن بولسام، دەرد-ئەلەم تارتىپ ئېزىلدىم.
ئەي خۇدا، سېنىڭ نىجاتلىقىڭ مېنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغۇزغاي.
 
‏31 مەن مەدھىيە ناخشىسى ئېيتىپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن،
شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنى ئۇلۇغلايمەن.
‏32 بۇ پەرۋەردىگارنى بىر كالىدىن،
مۈڭگۈزلۈك ۋە ئاچىماق تۇياقلىق بىر تورپاقتىن
بەكرەك خۇرسەن قىلار.
‏33 كەمتەرلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولار.
خۇدانى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلەر.
‏34 چۈنكى پەرۋەردىگار قۇلاق سالار مىسكىنلەرگە،
ئۇ سەل قارىماس ئەسىرگە چۈشكەن خەلقىگە.
‏35 ئاسمان بىلەن يەر ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن،
دېڭىزلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈن جانىۋارلار
ئۇنى مەدھىيىلىسۇن.
‏36 چۈنكى خۇدا سىئوننى قۇتقۇزار،
يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى قايتا بىنا قىلار.
ئۇنىڭ خەلقى ئۇ يەرگە ماكانلىشىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولار.
‏37 ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى ئۇنىڭغا ئىگە بولار،
ئۇنىڭ نامىنى سۆيگەنلەر ئۇ يەرگە ماكانلىشار.