70
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد ئەسلىتىش ئۈچۈن يازغان ناخشا. 2 ئەي خۇدا، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغىن!
ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم بېرىشكە ئالدىرىغىن!
3 جېنىمغا قەست قىلىۋاتقانلار
خىجالەت تارتىپ شەرمەندە بولسۇن.
مېنىڭ ئازاب چېكىشىمدىن سۆيۈنگەنلەر
كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، رەسۋا بولسۇن.
4 مېنى مەسخىرە قىلىپ، «ھا-ھا! ھا-ھا!» دېگەنلەر
ئۇياتقا قېلىپ كەينىگە يېنىپ كەتسۇن.
5 ئەمما سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى
سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن،
نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە:
«خۇدا ئۇلۇغدۇر!» دېسۇن.
6 مەن بىچارە ۋە ھاجەتمەن.
شۇڭا، ئەي خۇدا، يېنىمغا ئالدىراپ كەلگىن.
سەن مېنىڭ ياردەمچىم ۋە قۇتقۇزغۇچىم.
ئەي پەرۋەردىگار، كېچىكمىگىن.