71
1 ئەي پەرۋەردىگار، ساڭا تايىنىمەن. مېنى ھەرگىز ئۇياتقا قالدۇرمىغىن.
2 ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن قۇتقۇز مېنى،
قۇلاق سال ماڭا، قۇتۇلدۇر مېنى.
3 ماڭا ھەمىشە پاناھلىنىدىغان قورام تاش بولغايسەن.
سەن مېنىڭ قورام تېشىم ۋە قورغىنىم بولغاچقا،
مېنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈڭ.
4 ئەي خۇدايىم، مېنى يامان كىشىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىن،
رەزىل ۋە زوراۋاننىڭ ئالىقىنىدىن قۇتقۇزغىن.
5 چۈنكى سەن، ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۈمىدىمسەن،
كىچىكىمدىن تارتىپ مېنىڭ تايانچىم بولدۇڭ.
6 سەن مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىن چىقاردىڭ،
قورساقتىكى ۋاقتىمدىن تارتىپ مەن ساڭا تاياندىم.
دائىم سېنى مەدھىيىلەپ كەلدىم.
7 مەن نۇرغانلارنى چۆچۈتىدىغان بىر مۆجىزە بولدۇم.
ئەمما سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمسەن.
8 ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەلەر بىلەن تولسۇن،
كۈن بويى سېنىڭ شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىسۇن.
9 سەن مېنى قېرىلىقىمدا تاشلىۋەتمىگىن،
قۇۋۋىتىم ئاجىزلاشقاندا مەندىن ئايرىلمىغىن.
10 چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىپ،
جېنىمغا قەست قىلىۋاتقانلار مەسلىھەت قىلىشىپ:
11 «خۇدا ئۇنى تاشلىۋەتتى.
ئەمدى ئۇنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق،
ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى» دېيىشىدۇ.
12 ئەي خۇدا، مەندىن يىراق بولمىغىن.
ئەي خۇدايىم، ماڭا ياردەم بېرىشكە ئالدىرىغىن.
13 جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقالسۇن.
ماڭا سۇيىقەست قىلىۋاتقانلار
رەسۋالىققا ۋە ئۇياتقا قالسۇن.
14 مەن بولسام، ھەمىشە ئۈمىدۋار بولۇپ،
ساڭا تېخىمۇ كۆپ ھەمد ئېيتىمەن.
15 مېنىڭ ئاغزىم سېنىڭ ئادالىتىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ،
كۈن بويى سېنىڭ نىجاتلىقىڭنى بايان قىلىدۇ.
گەرچە ئۇلارنىڭ سانىنى بىلمىسەممۇ.
16 رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى مەدھىيىلەيمەن،
پەقەتلا سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى جاكارلايمەن.
17 ئەي خۇدا، كىچىكىمدىن تارتىپ ماڭا تەلىم بەردىڭ.
مەن تا ھازىرغىچە سېنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىڭنى بايان قىلىپ كەلدىم.
18 ئەي خۇدا، چېچىم ئاقىرىپ قېرىپ قالساممۇ،
مەن سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ ئىشلىرىنى كېيىنكى نەسىلگە جاكارلىمىغۇچە،
ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى كېلىدىغانلارغا بايان قىلمىغۇچە،
مېنى تاشلىۋەتمىگىن.
19 سېنىڭ ئادالىتىڭ، ئەي خۇدا، ئاسمانلارغىچە تاقىشىدۇ.
ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلدىڭ، ئەي خۇدا، كىممۇ ساندەك بولالايدۇ؟
20 سەن مېنى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ
بالا-قازاغا دۇچار قىلغان بولساڭمۇ،
مېنى يەنە تىرىلدۈرۈپ،
يەرنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىدىن تارتىپ چىقىرىۋالىسەن.
21 سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى ئاشۇرىسەن،
ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن.
22 ئەي خۇدايىم، مەن چىلتار چېلىپ،
ۋاپادارلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتاي.
ئەي ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى، مەن لىرا چېلىپ،
ساڭا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتاي.
23 مەن ساڭا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقىنىمدا،
لەۋلىرىم شادلىق ساداسىنى ياڭرىتىدۇ.
سەن قۇتۇلدۇرغان جېنىممۇ شادلىنىپ كېتىدۇ.
24 تىلىم كۈن بويى ئادالىتىڭنى بايان قىلىدۇ،
چۈنكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار
شەرمەندە بولۇپ رەسۋا قىلىندى.