72
‏1 سۇلايمان ئۈچۈن.
 
ئەي خۇدا، پادىشاھقا ئادالىتىڭنى بەرگىن،
شاھزادىگە ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى ئاتا قىلغىن.
‏2 ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن،
ئاجىز بەندىلىرىڭ ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغاي.
‏3 خەلق ئۈچۈن تاغلار ئامانلىقنى
ۋە دۆڭلۈكلەر ئادالەتنى ئېلىپ كەلگەي.
‏4 پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىللىق قىلغاي،
مىسكىنلەرنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزغاي
ۋە زالىملارنى پارە-پارە قىلغاي.
‏5 كۈن ۋە ئاي ئاسماندا يورۇپ تۇرسىلا،
نەسىلدىن نەسىلگە خەلق سەندىن قورقۇپ تۇرغاي.
‏6 ئۇ بولسا ئوتلاققا ياغىدىغان يامغۇردەك،
يەرنى سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىندەك بولغاي.
‏7 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىي ئادەم ياشناپ كەتسۇن،
ئاي يوق بولغۇچە زېمىن تىنچ-ئامانلىققا تولسۇن.
‏8 ئۇ دېڭىزدىن دېڭىزغا، فىرات دەرياسىدىن تارتىپ
دۇنيانىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغاي.
‏9 چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكسۇن،
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولسا توپا يالىسۇن.
‏10 تارشىش ۋە دېڭىز بويىدىكى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى سوۋغاتلار ئېلىپ كەلسۇن،
شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن.
‏11 ھەممە پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلسۇن،
ھەممە ئەللەر ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسۇن.
 
‏12 چۈنكى ئۇ پەرياد قىلغان مىسكىنلەرنى قۇتقۇزار،
مەدەتكارى يوق ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرار.
‏13 ئۇ ئاجىز-بىچارىلەرگە ئىچ ئاغرىتار،
مىسكىنلەرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزار.
‏14 ئۇ ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن قۇتۇلدۇرار.
ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر.
‏15 ئۇ ياشىسۇن!
شېبانىڭ ئالتۇنى ئۇنىڭغا بېرىلسۇن.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەمىشە دۇئا قىلىنسۇن،
كۈن بويى ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەنسۇن.
‏16 زېمىندا تاغنىڭ چوققىسىغىچە ئاشلىق ئۈنسۇن،
ئۇنىڭ ھوسۇلى لىۋاننىڭ دەرەخلىرىدەك دولقۇنلانسۇن.
شەھەر ئاھالىسى بولسا دالانىڭ گۈل-گىياھلىرىدەك گۈللەنسۇن.
‏17 ئۇنىڭ نامى ئەبەدكىچە ئۆچمىگەي،
قۇياش يورۇپ تۇرغۇچە ئۇنىڭ نامى ساقلانغاي.
خەلق ئۇنىڭ نامىدا بىر-بىرىگە بەرىكەت تىلىسۇن،
يەرنىڭ ھەممە ئەللىرى ئۇنى بەختىيار دەپ ئاتىسۇن.
 
‏18 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!
ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغۇچى پەقەتلا ئۇدۇر.
‏19 ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا ئەبەدكىچە ھەمدۇسانا بولغاي!
پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولۇپ كەتكەي! ئامىن، ئامىن!
 
‏20 يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇدنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.