ئۈچىنچى بۆلۈم - زەبۇر 73-89
73
‏1 ئاساف يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
خۇدا ھەقىقەتەن ئىسرائىلغا،
كۆڭلى پاكلارغا مېھرىباندۇر.
 
‏2 ئەمما مەن بولسام، پۇتلىرىم پۇتلىشىشقا تاس قالدى،
قەدەملىرىم تېيىلىپ كېتىشكە ئاز قالدى.
‏3 چۈنكى يامانلارنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى كۆرگىنىمدە،
ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدىم.
 
‏4 چۈنكى ئۇلار ئۆلگۈچە قىيىنچىلىققا چۈشمەس،
بەلكى كۈچلۈك ۋە ساغلام تۇرار.
‏5 ئۇلار باشقا ئىنسانلاردەك جاپا-مۇشەققەت تارتماس،
ئۇلاردەك بالا-قازاغا ئۇچرىماس.
‏6 كىبىرلىك ئۇلارنىڭ بوينىغا مارجاندەك ئېسىلغان،
زوراۋانلىق كىيىمدەك ئۇلارنى ئورىۋالغان.
‏7 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى سېمىزلىكتىن پۇلتىيىپ چىقتى،
كۆڭۈللىرىدىكى ئوي-خىياللار ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
‏8 ئۇلار مەسخىرە قىلىپ، يامان گەپ قىلار،
يوغانچىلىق قىلىپ، دوق قىلار.
‏9 ئۇلار ئاغزىنى ئاسمانغا قارشى ئاچار،
ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرەر.
‏10 شۇڭا ئۇلارنىڭ خەلقى ئۇلارغا يۈزلىنىپ،
تاشقان سۇ بىلەن تولغاندەك بولار.   
‏11 ئۇلار: «خۇدا بۇنى قانداق بىلىدۇ؟
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ خەۋىرى بارمۇ؟» دېيىشەر.
‏12 مانا، يامانلار شۇنداقتۇر،
ئۇلار بۇ دۇنيادا راۋاج تېپىپ، بايلىق توپلار.
 
‏13 مەن بولسام كۆڭلۈمنى بىكاردىن-بىكار پاك ساقلاپ،
قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيۇپ كەلدىم.
‏14 مەن بىكارغا كۈن بويى ئازاب تارتىپ،
ھەر ئەتىگەن ئەدەپ يەپ تۇردۇم.
‏15 ئەگەر مەن: «مەنمۇ شۇنداق گەپ قىلىمەن» دېگەن بولسام ئىدىم،
مەن سېنىڭ نەسلىڭنىڭ بالىلىرىغا خىيانەت قىلغان بولاتتىم.
‏16 بۇنى قانداق ئۇقالايمەن دەپ پىكىر قىلسام،
بۇ ئىش مېنىڭ كۆزۈمگە تەس كۆرۈندى.
‏17 لېكىن خۇدانىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىشىم بىلەن،
مۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم.
 
‏18 دەرۋەقە، سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە قويىسەن،
ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن.
‏19 ئۇلار بىر دەمدە ۋەيران بولار،
قورقۇنچلۇق تەرىقىدە يوق بولار.
‏20 كىشى ئويغانغاندا چۈش يوق بولۇپ كەتكەندەك،
سەن، ئەي ئىگەم، ئويغانساڭ،
ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي، يوقتەك سانايسەن.
 
‏21 يۈرىكىم ئازابلانغاندا،
ئىچىم سانجىلغاندا،
‏22 مەن ئەقىل-پاراسەتسىز ئىدىم،
سېنىڭ ئالدىڭدا ئاڭسىز بىر ھايۋاندەك تۇرغانىدىم.
‏23 بىراق مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە،
سەن مېنى ئوڭ قولۇڭ بىلەن تۇتتۇڭ.
‏24 نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن،
ئاخىرىدا شان-شەرەپ بىلەن مېنى قوبۇل قىلىسەن.
‏25 ئاسماندا سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟
سەندىن باشقا يەر يۈزىدە ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن.
‏26 ئەگەر جىسمىم ۋە جېنىم ھالسىزلىنىپ كەتسىمۇ،
خۇدا قەلبىمنىڭ كۈچى ۋە مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر.
 
‏27 چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ.
ساڭا زىناخورلاردەك ۋاپاسىز بولغانلارنى يوقىتىۋېتىسەن.
‏28 لېكىن مەن بولسام خۇداغا يېقىن تۇرۇشنى ئەۋزەل كۆرىمەن،
ئۇنىڭ ھەممە ئەمەللىرىنى بايان قىلاي دەپ،
رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم.