74
1 ئاساف يازغان نەزمە. ئەي خۇدا، نېمە ئۈچۈن بىزنى ئەبەدكىچە تاشلىۋەتتىڭ؟
نېمىشقا غەزىپىڭنىڭ ئوتى يايلىقىڭنىڭ قويلىرىغا تۇتاشتى؟
2 سەن قەدىمكى زاماندا بەدەل تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى ياد ئەتكىن،
سەن ئۆز مىراسىم بولسۇن دەپ قۇتۇلدۇرغان قەبىلەڭنى ياد ئەتكىن،
ئۆزۈڭ ماكان قىلغان سىئون تېغىنى ئېسىڭگە ئالغىن.
3 ئەمدى سەن خارابلىققا ئايلانغان يەرگە قەدەملىرىڭنى تاشلىغىن.
مانا، دۈشمەن مۇقەددەس جايدىكى ھەممە نەرسىلەرنى
بۇزۇپ ۋەيران قىلغان.
4 ساڭا قارشى تۇرغۇچىلار سېنىڭ مۇقەددەس جايىڭدا چۇقان سېلىشىپ،
ئۆز تۇغلىرىنى قادىدى.
5 ئۇلار قېلىن ئورماندا پالتىلىرىنى كۆتۈرگەن ئادەملەرگە ئوخشايتتى.
6 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىكى ھەممە نەقىشلەرنى
پالتا ۋە بولقا بىلەن چېقىۋەتتى.
7 ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى،
سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان جاينى بۇلغاپ،
يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.
8 ئۇلار كۆڭلىدە:
«بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تامامەن ۋەيران قىلىۋېتەيلى» دەپ،
بۇ زېمىندىكى خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش جايلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
9 مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرمەس بولدۇق،
ھېچ پەيغەمبەرمۇ قالمىدى.
بۇ ئەخۋالنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى
ئارىمىزدا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
10 ئەي خۇدا، رەقىبىڭ قاچانغىچە مەسخىرە قىلىدۇ؟
دۈشمەن ئەبەدكىچە سېنىڭ نامىڭغا ھاقارەت قىلامدۇ؟
11 نېمىشقا قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى يىغىۋالىسەن؟
ئەمدى ئۇنى قوينۇڭدىن چىقىرىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلغىن.
12 خۇدا قەدىمدىن مېنىڭ پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن،
ئۇ يەر يۈزىگە نىجاتلىق بەرگۈچىدۇر.
13 سەن قۇدرىتىڭ بىلەن دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلدۈڭ،
ئۇنىڭدىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى ياردىڭ.
14 لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى پارە-پارە قىلىپ،
ئۇنى باياۋانلاردا ياشايدىغان ھايۋانلارغا
يەم قىلىپ بەردىڭ. ■
15 سەن بۇلاق ئېچىپ، ئېقىن ئاققۇزدۇڭ،
بەھەيۋەت دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ.
16 كۈندۈز سېنىڭكى، كېچىمۇ سېنىڭكىدۇر.
سەن ئاي ۋە كۈننى ئورۇنلاشتۇردۇڭ.
17 يەر يۈزىنىڭ ھەممە چېگرىلىرىنى بەلگىلىدىڭ،
ياز بىلەن قىش ۋاقتىنى سەن بېكىتتىڭ.
18 ئەي پەرۋەردىگار، دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلغىنىنى ئېسىڭدا تۇتقىن،
ئەخمەق خەلق سېنىڭ نامىڭغا ھاقارەت قىلغىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن.
19 پاختىكىڭنىڭ جېنىنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگىن،
بىچارە بەندىلىرىڭنىڭ ھاياتىنى ئەبەدكىچە ئۇنتۇمىغىن.
20 ئۆز ئەھدەڭنى يادىڭغا كەلتۈرگىن،
چۈنكى زېمىننىڭ قاراڭغۇ يەرلىرى زوراۋانلىق بىلەن تولۇپ كەتتى.
21 ئېزىلگەنلەر شەرمەندە بولۇپ ياندۇرۇلمىسۇن،
كەمبەغەل-بىچارىلەر سېنىڭ نامىڭغا ھەمد ئېيتسۇن.
22 ئەي خۇدا، قوزغىلىپ، ئۆز دەۋايىڭنى سورىغىن،
ئەخمەق كىشىنىڭ كۈن بويى سېنى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئەسلەپ تۇرغىن.
23 دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئاۋازىنى ئۇنتۇپ قالمىغىن،
ساڭا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ توختىماي كۆتۈرگەن چۇقانلىرىنىمۇ
يادىڭدىن چىقارمىغىن.