75
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، ئاساف يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 شۈكۈر ساڭا، ئەي خۇدا، شۈكۈر ساڭا،
چۈنكى سېنىڭ نامىڭ بىزگە يېقىندۇر.
ئادەملەر سېنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىڭنى بايان قىلىدۇ.
‏3 خۇدا: «مەن بېكىتكەن ۋاقىتتا
ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىمەن.
‏4 يەر ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تەۋرەپ كەتسىمۇ،
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن» دەيدۇ.
سېلاھ.
 
‏5 مەن ھاكاۋۇرلارغا: «كىبىرلەنمەڭلار»،
يامانلارغا: «مۈڭگۈزۈڭلارنى كۆتۈرمەڭلار» دەيمەن.
‏6 مۈڭگۈزۈڭلارنى ئېگىز كۆتۈرمەڭلار،
بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ يۈرمەڭلار.
‏7 چۈنكى مەدەت نە شەرقتىن نە غەربتىن كەلمەيدۇ،
ياكى جەنۇبتىكى چۆلدىن كەلمەيدۇ.
‏8 بەلكى ھۆكۈم قىلغۇچى خۇدادۇر،
ئۇ بىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرىدۇ، يەنە بىرىنى كۆتۈرىدۇ.
‏9 مانا پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا، دورا-دەرمەك ئارىلاشتۇرۇلغان
كۆپۈكلۈك شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر قەدەھ بار.
ئۇ ئۇنى تۆككىنىدە يەر يۈزىدىكى بارلىق يامانلار
شارابنىڭ دۇغىنى قالدۇرماي ئىچىدۇ.
‏10 مەن بولسام ياقۇبنىڭ خۇداسىغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ،
ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئەبەدكىچە بايان قىلىمەن.
‏11 خۇدا «يامانلارنىڭ بارلىق مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋېتىمەن،
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ» دەيدۇ.