76
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ تارلىق سازلار بىلەن ئېيتىلسۇن دەپ، ئاساف يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 يەھۇدا ئىچىدە خۇدا تونۇلغاندۇر،
ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر.
‏3 ئۇنىڭ چېدىرى سالېمدىدۇر،
ئۇنىڭ ماكانى سىئوندىدۇر.
‏4 ئۇ يەردە ئۇ يانىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى،
قالقان، قىلىچ ۋە جەڭ ئەسۋابلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى.
سېلاھ.
 
‏5 سەن شان-شەرەپلىكسەن،
ئولجىسى مول تاغلاردىنمۇ ھەيۋەتلىكسەن.
‏6 قەيسەر يۈرەكلىكلەر ئولجا بولۇپ كەتتى.
ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.
بىرمۇ پالۋانلارنىڭ قولىنى قىمىرلىتالمىدى.
‏7 ئەي ياقۇبنىڭ خۇداسى، سېنىڭ زەربەڭ بىلەن،
ھەم ئاتلار، ھەم ئاتلىقلار ئۆلۈم ئۇيقۇسىغا كەتتى.
‏8 يالغۇز سەنلا قورقۇشقا لايىق.
غەزىپىڭ كەلگەندە كىم ئالدىڭدا تۇرالايدۇ؟
‏9 سەن ئاسماندىن ھۆكۈمۈڭنى ئېلان قىلغاندا،
دۇنيا قورقۇپ شۈك بولدى.
‏10 قاچانكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە كەمتەر-مۇلايىملارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن
ھۆكۈم چىقىرىشقا تۇرغاندا.
سېلاھ.
 
‏11 ئىنساننىڭ ئاچچىقى سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاشۇرىدۇ،
ئۇلارنىڭ قالغان ئاچچىقىنى سەن باسىسەن.   
‏12 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ۋەدە قىلىڭلار
ۋە ۋەدىلىرىڭلارنى ئادا قىلىڭلار.
ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى
قورقۇشقا لايىق خۇداغا ھەدىيە كەلتۈرسۇن.
‏13 چۈنكى ئۇ ئەمىرلەرنىڭ روھىنى پەسلىتىدۇ،
يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.