77
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «يەدۇتۇن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، ئاساف يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 مەن خۇداغا ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ پەرياد قىلىمەن،
ئۇ ئاڭلىسۇن دەپ، خۇداغا ئاۋازىمنى ياڭرىتىمەن.
3 ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنۈمدە رەببىمنى ئىزدىدىم،
كېچىچە قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ تۇردۇم،
جېنىم تەسەللى تېپىشنى خالىمىدى.
4 مەن خۇدانى ياد ئېتىپ ئاھ ئۇردۇم،
نالە-پەرياد قىلىپ روھىم ھالىدىن كەتتى.
سېلاھ.
5 سەن كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ بەرمىدىڭ.
مەن بولسام پەرىشان بولۇپ سۆزلىيەلمىدىم.
6 ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى ئەسلىدىم،
قەدىمكى زامانلارنى ئويلىدىم.
7 كېچىسى ناخشامنى يادىمغا كەلتۈردۈم.
كۆڭلۈمدە ئويلىدىم،
روھىم چۈشىنىشكە تىرىشتى.
8 ئىگەم مېنى ئەبەدكىچە تاشلىۋېتەرمۇ؟
ئەمدى ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتمەسمۇ؟
9 ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى تۈگەپ كەتتىمۇ؟
ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەمدى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟ ■
10 خۇدا شەپقەت قىلىشنى ئۇنۇتتىمۇ؟
غەزەپلىنىپ رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟
سېلاھ.
11 مەن مۇنداق دېدىم: «دەردىم شۇكى،
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوڭ قولى ئىلگىرىكىدەك ئەمەس».
12 لېكىن مەن رەببىمنىڭ ئىشلىرىنى ياد ئېتىمەن،
سېنىڭ بۇرۇنقى مۆجىزىلىرىڭنى يادىمغا كەلتۈرىمەن.
13 بارچە ئەمەللىرىڭنى ئەسلەپ،
قىلغان ئىشلىرىڭ ھەققىدا پىكىر يۈرگۈزىمەن.
14 ئەي خۇدا، سېنىڭ يولۇڭ مۇقەددەستۇر.
خۇدادەك ئۇلۇغ ئىلاھ بارمۇ؟
15 مۆجىزىلەر ياراتقان خۇداسەن،
سەن ئەللەر ئارىسىدا قۇدرىتىڭنى كۆرسەتتىڭ.
16 سەن ئۆز بىلىكىڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆز خەلقىڭنى،
ياقۇب بىلەن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قۇتۇلدۇردۇڭ.
سېلاھ.
17 سۇلار سېنى كۆردى، ئەي خۇدا،
سۇلار سېنى كۆرگەندە قورقۇپ تىترەپ كەتتى.
چوڭقۇر سۇلار قورقۇپ چايقىلىپ كەتتى.
18 قارا بۇلۇتلار قاتتىق يامغۇر ياغدۇردى،
ئاسمان گۈلدۈرلىدى،
ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇشتى.
19 گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قۇيۇننىڭ ئىچىدە ئاڭلاندى،
چاقماقلار يەر يۈزىنى يورۇتتى،
يەر بولسا تەۋرىنىپ، سىلكىنىپ كەتتى.
20 سېنىڭ يولۇڭ دېڭىزنىڭ ئىچىدە ئىدى،
قەدەملىرىڭ ئۇلۇغ سۇلاردىن بېسىپ ئۆتتى،
لېكىن سېنىڭ ئىزلىرىڭ بىلىنمەس.
21 سەن مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قولى ئارقىلىق
ئۆز خەلقىڭنى بىر پادىدەك يېتەكلىدىڭ.