78
‏1 ئاساف يازغان نەزمە.
 
ئەي خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار،
ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.
‏2 مەن ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئاغزىمنى ئاچىمەن،
قەدىمدىن تارتىپ سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى بايان قىلىمەن.
‏3 ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە دەپ بەرگىنىنى،
ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغىنىنى، بىلگىنىنى،
‏4 ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز.
كېلىدىغان نەسىلگە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتىنى،
ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئاجايىپ ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز.
 
‏5 چۈنكى ئۇ ياقۇبقا يوليورۇقلىرىنى چۈشۈرگەن،
ئىسرائىلدا بىر قانۇننى بېكىتكەن،
«بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار» دەپ
ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان.
‏6 شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار كېلىدىغان نەسىلگە مەلۇم بولسۇن
ۋە تۇغۇلىدىغان بالىلارغا بىلدۈرۈلسۇن.
ئۇلارمۇ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ئۆگەتسۇن.
‏7 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىسۇن،
خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇنتۇماي، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتسۇن.
‏8 ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش جاھىل ۋە ئاسىي،
كۆڭلى دۇرۇس بولمىغان
ۋە روھى خۇداغا ۋاپادار بولمىغان نەسىل بولمىسۇن.
‏9 ئەفرائىم قەبىلىسى ئوقيا بىلەن قوراللىنىپ چىقىپ،
جەڭ كۈنىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قېچىپ كەتتى.
‏10 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى،
ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە مېڭىشنى خالىمىدى.
‏11 ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ئىشلىرىنى ۋە مۆجىزىلىرىنى
ئۇلار ئۇنتۇپ قالدى.
 
‏12 خۇدا بولسا مىسىر زېمىنىدا زوئان دالالىرىدا،
ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئالدىدا ئاجايىپ مۆجىزىلەر كۆرسەتكەنىدى.
‏13 ئۇ دېڭىزنى يېرىپ ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇلارنى ئۆتكۈزگەنىدى،
سۇنى قۇم دۆۋىسىدەك دۆۋىلەپ تىك تۇرغۇزغانىدى.
‏14 ئۇ كۈندۈزى بۇلۇت بىلەن،
كېچىسى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىگەنىدى.
‏15 ئۇ چۆلدە قورام تاشلارنى يېرىپ،
چوڭقۇر سۇلاردىن ئىچۈرگەندەك ئۇلارغا سۇ ئىچۈرگەنىدى.
‏16 ئۇ قورام تاشتىن ئېقىنلار ئېقىتىپ،
سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزغانىدى.
 
‏17 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى گۇناھ قىلىۋەردى،
باياۋاندا ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇداغا ئاسىيلىق قىلدى.
‏18 ئۇلار ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىك تەلەپ قىلىپ،
كۆڭلىدە خۇدانى سىناپ باقتى.
‏19 ئۇلار خۇداغا قارشى سۆزلەپ:
«خۇدا چۆل-باياۋاندا داستىخان سالالامدۇ؟
‏20 مانا، ئۇ قورام تاشقا ئۇرغىنىدا سۇ بۇلدۇقلاپ چىقىپ،
قايناپ-تېشىپ ئېقىنلارغا ئاقتى.
ئەمدى ئۇ بىزگە نان بېرەلەمدۇ؟
ئۆز خەلقىگە گۆش تېپىپ بېرەلەمدۇ؟» دېيىشتى.
‏21 پەرۋەردىگار بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى،
ياقۇبقا قارشى ئاچچىقى ئوت بولۇپ ياندى،
ئىسرائىلغا قارشى غەزىپى ئۆرلىدى.
‏22 چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى،
ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا تايانمىدى.
‏23 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بۇلۇتلارغا بۇيرۇق بېرىپ،
ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋەتتى.
‏24 يېسۇن دەپ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ماننا ياغدۇرۇپ،
ئۇلارغا ئەرشتىن ئوزۇق بەردى.   
‏25 ئىنسانلار پەرىشتىلەرنىڭ غىزاسىنى يېدى،
ئۇ ئوزۇق-تۈلۈك ئەۋەتىپ ئۇلارنى تويدۇردى.
‏26 ئۇ ئاسماندىن شەرق شامىلىنى چىقىرىپ،
قۇدرىتى بىلەن جەنۇب شامىلىنى ئەۋەتىپ،
‏27 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چاڭ-توزاندەك گۆش ياغدۇردى.
ئۇ قۇشلارنى دېڭىزنىڭ قۇمىدەك قىلىپ،
‏28 ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا،
ماكانلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۈشۈرۈپ بەردى.
‏29 ئۇ ئۇلارنىڭ خالىغىنىنى بەرگەچكە،
ئۇلار يەپ ئوبدان تويدى.
‏30 لېكىن ئۇلار نەپسىنى يىغمىغىنى ئۈچۈن
لوقمىلىرى تېخى ئېغىزلىرىدا تۇرغاندا،
‏31 خۇدانىڭ ئۇلارغا غەزىپى قوزغالدى.
ئۇ ئۇلارنىڭ قاۋۇللىرىنىڭ ئارىسىغا ئۆلۈم ئەۋەتتى،
ئىسرائىلنىڭ يىگىتلىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتتى.
 
‏32 ئۇلار بۇنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ،
ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنمەي، گۇناھ قىلىۋەردى.
‏33 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى مەنىسىز،
يىللىرىنى دەككە-دۈككە ئىچىدە ئاخىرلاشتۇردى.
‏34 ئۇ ئۇلارنى ئۇرغىنىدا، ئۇلار ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى.
ئۇلار يامان يولىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، خۇدانى سېغىنىشقا باشلىدى.
‏35 ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ قورام تېشى ئىكەنلىكىنى
ۋە ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ
ئۇلارنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى.
‏36 ئەمما ئۇلار ئاغزى بىلەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلدى،
تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىدى.
‏37 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا ۋاپادار ئەمەس ئىدى،
ئۇنىڭ ئەھدىسىگە ئۇلار سادىق بولمىدى.
 
‏38 لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ رەھىمدىل بولغاچقا،
گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلمىدى.
ئۇ قايتا-قايتا ئاچچىقىنى باستى،
قاتتىق غەزىپىنىڭ قوزغىلىشىغا يول قويمىدى.
‏39 ئۇ ئۇلارنىڭ ئادەمزاتى ئىكەنلىكىنى،
ئۆتۈپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغان شامالدەك ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.   
‏40 ئۇلار كۆپ قېتىم چۆلدە ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى،
باياۋاندا ئۇنىڭغا خاپىلىق سالدى.
‏41 ئۇلار قايتا-قايتىدىن خۇدانى سىنىدى،
ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتى.
‏42 ئۇنىڭ ئۇلارنى دۈشمەنلەردىن قۇتۇلدۇرغان كۈنىنى،
ئۆز قولى بىلەن قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلار ئېسىدە تۇتمىدى.
‏43 ئۇلار ئۇنىڭ مىسىردا ئاجايىپ ئىشلار قىلغىنىنى،
زوئان دالالىرىدا مۆجىزىلەر كۆرسەتكىنىنى ئويلىمىدى.
‏44 ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ دەريالىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ،
سۇلىرىنى ئىچكۈسىز قىلىۋەتتى.
‏45 ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا توپ-توپ نەشتەرلىك چىۋىنلارنى ئەۋەتتى،
ۋەيران قىلغۇچى پاقىلارنى كەلتۈردى.
‏46 ئۇ ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىگە بەردى،
مەھسۇلاتلىرىنىڭ مېۋىسىنى چېكەتكىلەرگە تاپشۇردى.
‏47 ئۇ ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇرۇپ،
ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ئۈششۈك تەگكۈزۈپ يوقاتتى.
‏48 ئۇ ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى مۆلدۈرگە،
پادىلىرىنى چاقماققا تاپشۇرۇپ بەردى.
‏49 ئۇ ئوتلۇق قەھر-غەزىپىنى، نەپرەت ۋە كۈلپەتلەرنى ئۇلارغا ياغدۇرۇپ،
ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان پەرىشتىلەر ئەۋەتتى.
‏50 ئۇ غەزىپىگە يول قويۇپ،
ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىمىدى،
ئەكسىچە ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇرۇپ بەردى.
‏51 ئۇ مىسىرنىڭ ھەممە تۇنجى بالىلىرىنى،
يەنى خامنىڭ چېدىرلىرىدىكىلىرىنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
‏52 ئۇ ئۆز خەلقىنى قويلاردەك باشلاپ چىقىپ،
چۆل-باياۋاننىڭ ئىچىدە پادىدەك يېتەكلىدى.
‏53 ئۇ ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقمايتتى.
لېكىن دېڭىز سۈيى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى يۇتۇۋەتتى.
‏54 ئۇ ئۇلارنى مۇقەددەس زېمىنىغا باشلاپ،
ئوڭ قولى ئىگىلىگەن بۇ تاغقا ئېلىپ كەلدى.
‏55 ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن خەلقلەرنى قوغلىۋېتىپ،
ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى.
ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنى يەرلەشتۈردى.
 
‏56 لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانى سىنىدى.
ئۇلار ئۇنىڭ يوليورۇقلىرىغا بويسۇنمىدى.
‏57 ئۇلار ئارقىغا يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ،
بىر ئالدامچى ئوقيا كەبى قايرىلىپ كەتتى.
‏58 ئۇلار تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى،
ئويما بۇت ھەيكەللىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
‏59 خۇدا بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى.
ئۇ ئىسرائىلدىن ئىنتايىن نەپرەتلەندى
‏60 ئۇ شىلوھتىكى ماكانىنى،
ئىنسانلار ئارىسىدا قۇرغان چېدىرىنى تەرك ئەتتى.
‏61 ئۇ ئۆز قۇدرەت بەلگىسىنىڭ ئولجا ئېلىنىشىغا يول قويدى،
شان-شەرىپىنى دۈشمەننىڭ قولىغا بەردى.   
‏62 ئۇ ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى،
ئۇنىڭ ئۆز مىراسىغا غەزىپى قوزغالدى.
‏63 ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالاپ يۇتتى،
قىزلىرىغا توي ناخشىلىرى ئېيتىلماس بولدى.
‏64 ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولدى،
تۇل قالغان ئاياللىرى ماتەم تۇتالمىدى.
 
‏65 ئاندىن ئىگىمىز ئۇيقۇدىن ئويغانغان كىشىدەك ئويغاندى،
خۇددى شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋان كەبى.
‏66 ئۇ دۈشمەنلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ،
ئۇلارنى مەڭگۈلۈك نومۇسقا قويدى.
‏67 ئۇ يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى رەت قىلدى،
ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى.
‏68 بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى
ۋە ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى تاللىدى.
‏69 ئۇ مۇقەددەس جايىنى ئاسماندەك ئېگىز ياساپ،
ئۇنى ئەبەدكىچە تۇرىدىغان يەردەك مۇستەھكەم قىلدى.
‏70 ئۇ ئۆز خىزمەتكارى داۋۇدنى تاللاپ،
ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چىقىرىۋالدى.
‏71 ئۇ ئۇنى قوزىلىق قويلارنى بېقىشتىن ئايرىۋېلىپ،
ئۇنى ئۆز خەلقى بولغان ياقۇب،
ئۆز مىراسى بولغان ئىسرائىلغا پادىچى قىلدى.
‏72 ئۇ كۆڭلىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن ئۇلارنى باقتى،
ئەپچىل قولى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.