79
‏1 ئاساف يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
ئەي خۇدا، يات خەلقلەر سېنىڭ مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى.
ئۇلار مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغاپ،
يېرۇسالېمنى خارابىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
‏2 ئۇلار خىزمەتكارلىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى
ئاسماننىڭ قۇشلىرىغا يەم قىلىپ،
تەقۋادارلىرىڭنىڭ گۆشىنى
دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا تاشلاپ بەردى.
‏3 ئۇلارنىڭ قېنىنى يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدە سۇدەك ئاققۇزدى.
ئۇلارنى كۆمگۈدەك ئادەم قالمىدى.
‏4 بىز قوشنىلىرىمىزنىڭ ھاقارىتىگە قالدۇق،
ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ مازاق ۋە مەسخىرە نىشانى بولدۇق.
 
‏5 ئەي پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟
ئەبەدكىچە ئاچچىقلىنىپ تۇرامسەن؟
غەزىپىڭ ئوت بولۇپ يېنىپ تۇرىۋېرەمدۇ؟
‏6 سېنى تونۇمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە،
نامىڭنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلمىغان پادىشاھلىقلارنىڭ ئۈستىگە
غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن.
‏7 چۈنكى ئۇلار ياقۇبنى يەپ يۇتۇپ،
ئۇنىڭ ماكانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
‏8 سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ يامان ئىشلىرىنى
بىزگە ھېسابلىمىغىن.
بىزگە رەھىم-شەپقىتىڭنى تەزراق ئەۋەتكىن،
چۈنكى بىز بەك پەس ئەھۋالدا قالدۇق.
‏9 ئەي نىجاتكارىمىز بولغان خۇدا،
نامىڭنىڭ شان-شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم بەرگىن.
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزۇپ،
گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن.
‏10 يات ئەللەر نېمىشقا:
«ئۇلارنىڭ خۇداسى قېنى؟» دەپ مازاق قىلىشسۇن؟
خىزمەتكارلىرىڭنىڭ تۆكۈلگەن قېنىنىڭ ئىنتىقامى
كۆز ئالدىمىزدا ئېلىنىپ، ئەللەر ئارىسىدا مەلۇم بولسۇن.
‏11 ئەسىرلەرنىڭ نالىسى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا يەتكەي.
ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلارنى قۇتقۇزغىن.
‏12 ئەي ئىگەم، قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان ھاقارىتىنى
يەتتە ھەسسە قوشۇپ قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باغرىغا تاشلىغىن.
‏13 لېكىن بىز ئۆزىمىز سېنىڭ خەلقىڭ ئاتىلىپ،
يايلىقىڭنىڭ قويلىرى بولغاچقا،
ئەبەدكىچە ساڭا شۈكۈر ئېيتىپ،
نەسىلدىن نەسىلگىچە ھەمد ئېيتايلى.