80
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، ئاساف يازغان گۇۋاھلىق، بىر مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى،
يۈسۈپنى پادىدەك يېتەكلىگۈچى،
بىزگە قۇلاق سالغىن.
ئەي كېرۇبلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى،
شانلىق نۇرۇڭنى چاچقىن.
‏3 ئەفرائىم، بەنيامىن ۋە ماناسسەنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ،
بىزنى قۇتقۇزغىلى كەلگىن.
‏4 ئەي خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرۇپ،
يۈزۈڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن.
شۇندىلا بىز نىجاتلىق تاپىمىز.
 
‏5 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا،
سەن قاچانغىچە خەلقىڭنىڭ دۇئاسىغا ئاچچىقلىنىپ تۇرىسەن؟
‏6 سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا نان ئورنىدا يېگۈزۈپ،
ئۇلارغا زور مىقداردا كۆز ياشلىرىنى ئىچكۈزىسەن.
‏7 سەن بىزنى قوشنىلىرىمىزنىڭ جېدىلىگە سەۋەب قىلىپ قويدۇڭ.
دۈشمەنلىرىمىز ئۆزئارا بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.
‏8 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرۇپ،
يۈزۈڭنىڭ نۇرىنى بىزگە چاچقايسەن.
شۇندىلا بىز نىجاتلىق تاپىمىز.
 
‏9 سەن مىسىردىن بىر ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كېلىپ،
خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنى تىكتىڭ.
‏10 سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن يەر تەييارلىغاچقا،
ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، زېمىننى تولدۇردى.
‏11 ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى ،
ئۇنىڭ شاخلىرى زور كېدىر دەرەخلىرىنى قاپلىدى.   
‏12 ئۇ ئۆز شاخلىرىنى دېڭىزغىچە يېيىپ،
نوتىلىرىنى فىرات دەرياسىغىچە ئۆستۈرۈپ ئۇزارتتى.
 
‏13 سەن نېمىشقا ئۇنىڭ تاملىرىنى يىقىتىۋېتىپ،
يولدىن ئۆتكەن ھەممە ئادەمنىڭ
ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىشىغا يول قويدۇڭ؟
‏14 ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلارمۇ ئۇنى بۇزۇۋاتىدۇ،
دالادىكى ھايۋانلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ.
‏15 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى خۇدا،
يېنىمىزغا قايتقىن،
ئاسماندىن نەزەر سېلىپ، بۇ ئۈزۈم تېلىنى يوقلىغىن.
‏16 ئوڭ قولۇڭ تىككەن ئۈزۈم تېلىنى پەرۋىش قىلغىن،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن باققان شاخىڭدىن خەۋەر ئالغىن.   
 
‏17 ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ كېسىۋېتىلدى.
ئۇلار غەزەپلىك بېقىشلىرىڭدىن ھالاك بولىدۇ.
‏18 قولۇڭ ئوڭ تەرىپىڭدىكى ئادەمنىڭ ئۈستىدە،
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈچلۈق قىلغان ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدە بولسۇن.
‏19 شۇندىلا بىز سەندىن ئايرىلمايمىز.
بىزنى تىرىك ساقلىساڭ،
سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلىمىز.
‏20 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرۇپ،
يۈزۈڭنىڭ نۇرىنى بىزگە چاچقايسەن.
شۇندىلا بىز نىجاتلىق تاپىمىز.