81
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىت» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، ئاساف يازغان ناخشا. 2 كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇدايىمىز ئۈچۈن
خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىڭلار،
ياقۇبنىڭ خۇداسىنى مەدھىيىلەپ كۈيلەر ياڭرىتىڭلار.
3 مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، داپنى ئېلىپ،
شېرىن لىرا ۋە چىلتارنى چېلىڭلار.
4 يېڭى ئاي ۋە تولۇن ئاي بولغاندا،
ھېيت كۈنىمىز كەلگەندە، بۇرغا چېلىڭلار.
5 چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بىر ئەھكامدۇر،
ياقۇبنىڭ خۇداسىنىڭ ھۆكۈمىدۇر.
6 ئۇ مىسىر زېمىنىغا قارشى چىققىنىدا
بۇنى يۈسۈپكە بىر خاتىرە پائالىيىتى بولسۇن دەپ بېكىتتى.
مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم:
7 «مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدىن يۈكنى چۈشۈرۈۋەتتىم.
ئۇنىڭ قوللىرى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن بوشالدى.
8 سەن ئازاب-ئوقۇبەتتە قېلىپ پەرياد قىلغىنىڭدا مەن سېنى قۇتقۇزدۇم.
گۈلدۈرمامىنىڭ يوشۇرۇن يېرىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم.
مەرىباھ سۇلىرىنىڭ يېنىدا سېنى سىناپ باقتىم.
سېلاھ.
9 ئەي خەلقىم، ئاڭلىغىن، مەن سېنى ئاگاھلاندۇراي.
ئەي ئىسرائىل، كاشكى ماڭا قۇلاق سالغان بولساڭ!
10 ئاراڭلاردا ھېچ يات ئىلاھ بولمىسۇن
ۋە غەيرىي ئىلاھلارغا سەجدە قىلمىغىن.
11 سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭمەن.
سەن ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن.
12 لېكىن خەلقىم ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدى،
ئىسرائىل ماڭا بويسۇنمىدى.
13 شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ جاھىل كۆڭۈللىرى بىلەن يالغۇز تاشلاپ قويدۇم،
ئۆز بىلگىنىچە ماڭسۇن دەپ.
14 كاشكى مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى،
كاشكى ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا ماڭسا ئىدى!
15 ئۇنداق بولغاندا، مەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى بېسىپ،
ئۇلارغا قارشى چىققانلارغا قولۇمنى كۆتۈرەتتىم.
16 شۇندا پەرۋەردىگارنى يامان كۆرگەنلەر قورقۇپ،
ئۇنىڭغا بويسۇناتتى،
ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئەبەدكىچە شۇنداق بولاتتى.
17 مەن بۇغداينىڭ ياخشىسىنى ساڭا يېگۈزۈپ،
قورام تاشتىن چىققان ھەسەل بىلەن سېنى تويدۇراتتىم».