82
1 ئاساف يازغان مەدھىيە ناخشىسى. خۇدا ئىلاھلارنىڭ مەجلىسىدە تۇرۇپ،
ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
2 قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىپ،
يامانلارغا يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟
سېلاھ.
3 مىسكىنلەر ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار،
ئېزىلگەنلەر ۋە ئاجىزلارغا ئادىللىق قىلىڭلار.
4 ئاجىز-بىچارىلەرنى قۇتقۇزۇڭلار،
ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن ئاجرىتىۋېلىڭلار!
5 لېكىن ئۇلار ھېچنېمىنى بىلمەي،
ھېچنېمىنى چۈشەنمەي قاراڭغۇلۇقتا يۈرىدۇ.
يەرنىڭ پۈتۈن ئۇللىرى تەۋرەنمەكتە.
6 مەن مۇنداق دېگەنىدىم: «سىلەر ‹ئىلاھلار›،
ھەممىڭلار ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ بالىلىرىسىلەر».
7 لېكىن سىلەر ئىنساندەك ئۆلۈپ كېتىسىلەر،
ھەرقانداق بىر ئەمىرگە ئوخشاش يىقىلىسىلەر.
8 قوزغالغىن، ئەي خۇدا، سەن ھەممە ئەللەرنىڭ ئىگىسى بولغاچ،
يەر-زېمىننى سوراققا تارتقىن.