83
1 ئاساف يازغان ناخشا، بىر مەدھىيە ناخشىسى. 2 ئەي خۇدا، سۈكۈت قىلمىغىن.
ئەي خۇدا، ئۈنسىز، جىمجىت تۇرۇۋالمىغىن.
3 مانا، دۈشمەنلىرىڭ چۇقان سالماقتا،
ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە.
4 ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭگە قارشى سۇيىقەست قىلىپ،
سېنىڭ پاناھىڭدا تۇرغانلارغا قارشى مەسلىھەتلىشىپ:
5 «يۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ خەلقىنى يوق قىلايلى،
ئىسرائىلنىڭ نامى يەنە تىلغا ئېلىنمىسۇن» دېيىشىدۇ.
6 ئۇلار بىرگە مەسلىھەت قىلىشىپ،
ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى.
7 ئېدومنىڭ چېدىرلىرى، ئىسمائىلىيلار، موئاب ۋە ھاگرىيلار،
8 گېبال، ئاممون، ئامالەك، فىلىستىيە ۋە تىر ئاھالىلىرى،
9 ئاسسۇرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ،
لۇتنىڭ بالىلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
سېلاھ.
10 ئۇلارغا خۇددى مىدىيانلارغا قىلغىنىڭدەك،
قىشون جىلغىسىدا سىسېرا ۋە يابىنغا قىلغىنىڭدەك قىلغىن.
11 ئۇلار ئەندور يېزىسىدا ھالاك بولۇپ،
يەرنىڭ ئوغۇتىغا ئايلاندى.
12 ئۇلارنىڭ بەگلىرىنى ئورەب ۋە زەئەبتەك،
ھەممە ئەمىرلىرىنى زېباھ ۋە زالمۇننادەك قىلىۋەتكىن.
13 چۈنكى ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى:
«خۇدانىڭ يايلاقلىرىنى ئىگىلىۋالايلى».
14 ئەي خۇدايىم، ئۇلارنى چۆرگۈلەيدىغان قۇيۇندەك،
شامالدا سورۇلۇپ كەتكەن ساماندەك قىلىۋەتكىن.
15 ئوت ئورمانلىقنى كۆيدۈرۈۋەتكەندەك،
يالقۇن تاغلارغا تۇتاشقاندەك،
16 سەن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىۋەتكىن،
قۇيۇنۇڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغىن.
17 ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىسۇن دەپ،
يۈزلىرىنى ئىزا-ئاھانەت بىلەن تولدۇرغىن.
18 ئۇلار ئەبەدكىچە شەرمەندە بولۇپ، دەھشەتكە چۈشسۇن،
رەسۋالىققا قېلىپ ھالاك بولسۇن.
19 ئۇلار پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار دەپ ئاتىلىدىغىنىڭنى،
يەر يۈزىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن.