84
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىت» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، قوراھنىڭ ئوغۇللىرى يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار،
سېنىڭ ماكانلىرىڭ نەقەدەر گۈزەلدۇر!
‏3 جېنىم تەشنا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىنى سېغىنىپ كەتتى.
قەلبىم ۋە جىسمىم ھايات خۇدا ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتىدۇ.
‏4 ئەي مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار،
سېنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنىڭ يېنىدا ھەتتا قۇشقاچ ماكان تاپتى،
قارلىغاچ ئۆز بالىلىرىنى قويغىلى ئۇۋا سالدى.
‏5 سېنىڭ بەيتىڭدە تۇرۇۋاتقانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!
ئۇلار توشتىماي سېنى مەدھىيىلەر.
سېلاھ.
 
‏6 سەندىن كۈچ-قۇۋۋەت تاپقانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!
ئۇلار قەلبىدە توغرا يوللارغا ئىنتىزار.
‏7 ئۇلار يىغا-زارە ۋادىسىدىن ئۆتسە،
ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار.
كۈز يامغۇرى ئۇنى بەرىكەت بىلەن تولدۇرار.
‏8 مۇنداق كىشىلەر قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار،
سىئوندا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.
 
‏9 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا،
دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن.
مېنى ئاڭلىغىن، ئەي ياقۇبنىڭ خۇداسى.
سېلاھ.
 
‏10 ئەي قالقىنىمىز بولغان خۇدا،
ئۆزۈڭ تاللاپ مەسىھلىگەننىڭ يۈزىگە
ئىلتىپات بىلەن نەزەر سالغىن.
‏11 چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدىكى بىر كۈن
باشقا يەردىكى مىڭ كۈندىن ياخشىدۇر.
مەن خۇدايىمنىڭ بەيتىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى
يامانلارنىڭ چېدىرلىرىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇشتىن ئەۋزەل بىلىمەن.
‏12 چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر.
پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلىدۇ،
توغرا يۈرگۈچىلەردىن ياخشى نېمەتلەرنى ئايىمايدۇ.
‏13 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار،
ساڭا تايانغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!