85
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، قوراھ ئوغۇللىرى يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 ئەي پەرۋەردىگار، سەن زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
ياقۇبنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈردۈڭ.
3 سەن خەلقىڭنىڭ يامانلىقلىرىنى ئەپۇ قىلىپ،
ھەممە گۇناھلىرىنى يېپىپ قويدۇڭ.
سېلاھ.
4 سەن پۈتۈن ئاچچىقىڭنى بېسىپ،
ئوتلۇق غەزىپىڭدىن ياندىڭ.
5 ئەي نىجاتكارىمىز بولغان خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغىن،
بىزگە بولغان غەزىپىڭنى باسقىن.
6 سەن بىزگە ئەبەدكىچە ئاچچىقلىنىپ تۇرامسەن؟
سەن نەسىلدىن نەسىلگە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟
7 خەلقىم مەندە شادلانسۇن دەپ
بىزنى قايتىدىن تىرىلدۈرمەمسەن؟
8 مېھىر-شەپقىتىڭنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئەي پەرۋەردىگار.
نىجاتلىقىڭنى بىزگە ئاتا قىلغىن.
9 مەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاي.
چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا ئامانلىقنى سۆزلەيدۇ.
ئۇلار ھاماقەتلىكىگە قايتمىسۇن دەپ.
10 بەرھەق ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر،
ئۇنىڭ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا ماكان تۇتىدۇ.
11 مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىدۇ،
ئادالەت ۋە ئامانلىق بىر-بىرى بىلەن سۆيۈشىدۇ.
12 ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقىدۇ،
ئادالەت ئەرشلەردىن نەزەر سالىدۇ.
13 پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.
زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ.
14 ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىپ،
ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلاپ بېرىدۇ.