86
‏1 داۋۇدنىڭ بىر دۇئاسى.
 
ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سېلىپ جاۋاب بەرگىن،
چۈنكى مەن بىچارە ۋە ھاجەتمەن.
‏2 جېنىمنى ساقلىغىن، چۈنكى مەن ساڭا سادىقمەن.
ئەي مېنىڭ خۇدايىم، ئۆزۈڭگە تايانغان خىزمەتكارىڭنى قۇتقۇزغىن.
‏3 ماڭا مېھىر-شەپقىتىڭنى كۆرسەتكىن، ئەي رەببىم،
چۈنكى مەن ساڭا كۈن بويى پەرياد قىلىمەن.
‏4 ئەي رەببىم، ساڭا جېنىم تەلمۈرىدۇ.
خىزمەتكارىڭنىڭ جېنىنى شادلاندۇرغىن.
‏5 چۈنكى، ئەي رەببىم، سەن مېھرىبان ۋە كەچۈرۈمچان،
ئۆزۈڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىسەن.
‏6 دۇئايىمنى ئاڭلىغىن، ئەي پەرۋەردىگار.
نالە-زارىمغا قۇلاق سالغىن.
‏7 ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنۈمدە ساڭا نالە قىلىمەن،
چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
 
‏8 ئەي رەببىم، ئىلاھلار ئارىسىدا سەندەك بىرى يوقتۇر،
قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر.
‏9 ئەي رەببىم، سەن ياراتقان ئەل-خەلقلەر ھەممىسى كېلىپ،
سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ.
‏10 چۈنكى سەن ئۇلۇغسەن ۋە ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىسەن.
سەن يېگانە خۇدادۇرسەن،
‏11 ئەي پەرۋەردىگار، ھەقىقىتىڭدە مېڭىشىم ئۈچۈن
يولۇڭنى ماڭا بىلدۈرگىن.
نامىڭدىن قورقۇشۇم ئۈچۈن
كۆڭلۈمنى سادىق قىلغىن.
‏12 ئەي رەببىم خۇدا، چىن كۆڭلۈمدىن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن،
ئەبەدكىچە نامىڭنى ئۇلۇغلايمەن.
‏13 چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-شەپقىتىڭ شۇنچە چوڭقۇردۇر.
سەن جېنىمنى ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ تېرەنلىكلىرىدىن قۇتقۇزدۇڭ.
 
‏14 ئەي خۇدا، تەكەببۇرلار ماڭا قارشى چىقتى،
زالىملارنىڭ جامائىتى جېنىمنى قەستلىمەكتە.
ئۇلار سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
‏15 ئەمما، ئەي رەببىم، سەن رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك خۇداسەن.
سەن ئاسان غەزەپلەنمەيسەن،
مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ۋاپادارلىقىڭ چوڭدۇر.
‏16 ماڭا يۈزلىنىپ رەھىم قىلغىن.
ئۆز خىزمەتكارىڭغا كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى بەرگىن،
دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغىن.
‏17 ماڭا ياخشىلىقىڭنى كۆرسىتىدىغان بىر نىشانە ئاتا قىلغىن.
ماڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلار بۇنى كۆرۈپ، شەرمەندە بولسۇن.
چۈنكى سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم قىلدىڭ ۋە تەسەللى بەردىڭ.