87
1 قوراھ ئوغۇللىرى يازغان مەدھىيە ناخشىسى. ئۇنىڭ ئۇلى مۇقەددەس تاغلاردىدۇر.
2 پەرۋەردىگار ياقۇبنىڭ بارچە تۇرىدىغان جايلىرى ئارىسىدا
سىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.
3 ئەي خۇدانىڭ شەھىرى، سەن توغرۇلۇق ئاجايىپ نەرسىلەر سۆزلەنمەكتە.
سېلاھ.
4 مېنى تونۇغانلارنىڭ ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالاي.
مانا، فىلىستىيە، تىر ۋە كۇش توغرىسىدا:
«بۇلارمۇ شۇ يەردە تۇغۇلغان» دەيمەن. ■
5 سىئون توغرىسىدا: «بۇلار ھەممىسى ئۇنىڭدا تۇغۇلغاندۇر» دېيىلىدۇ.
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ.
6 پەرۋەردىگار خەلقلەرنى تىزىملىغاندا
«بۇلار ئۇ يەردە تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويىدۇ.
سېلاھ.
7 ناخشىچىلار ۋە ئۇسسۇلچىلار:
«ھەممە بۇلاقلىرىم سەندىدۇر» دەپ ناخشا ئېيتىدۇ.