88
1 قوراھ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان نەزمە. نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، ئەزراھلىق ھېمان يازغان نەسىھەت شېئىرى. 2 ئەي پەرۋەردىگار، نىجاتكارىم بولغان خۇدا،
مەن كېچە-كۈندۈز ساڭا پەرياد قىلىمەن.
3 دۇئايىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا يەتكەي،
پەريادىمغا قۇلاق سالغىن.
4 چۈنكى جېنىم دەرد-ئالەمگە تولۇپ تاشتى،
ھاياتىم ئۆلۈكلەر دىيارىغا يېقىنلاشتى.
5 مەن گۆرگە چۈشكۈچىلەرنىڭ قاتارىدا ھېسابلىنىمەن،
كۈچ-مادارىدىن قالغان كىشىدەك بولۇپ قالدىم.
6 مەن ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىغا تاشلاندىم،
خۇددى سەن قايتا ئەسلىمەيدىغان،
قولۇڭدىن يۇلۇپ éلىنغان،
ئۆلتۈرۈلۈپ گۆردە ياتقانلار كەبى.
7 سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىكى
قاراڭغۇ ۋە چوڭقۇر جايلىرىغا تاشلاپ قويدۇڭ.
8 سېنىڭ غەزىپىڭ مېنى باستى،
ھەممە دولقۇنلىرىڭ بىلەن ماڭا زەربە بەردىڭ.
سېلاھ.
9 سەن تونۇشلىرىمنى مەندىن يىراقلاشتۇرۇپ،
ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ.
مەن قاماپ قويۇلدۇم،
چىقالمايمەن.
10 كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن ئاجىزلىشىپ كەتتى.
ئەي پەرۋەردىگار، كۈن بويى ساڭا قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن.
11 سەن ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسەتمەكچىمۇ؟
ئۆلۈكلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ساڭا شۈكۈر ئېيتارمۇ؟
سېلاھ.
12 مېھىر-شەپقىتىڭ توغرىسىدا قەبرىدە گەپ-سۆز بولارمۇ؟
ۋاپادارلىقىڭ ھالاكەت دىيارىدا بايان قىلىنارمۇ؟
13 سېنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ قاراڭغۇلۇقتا تونۇلارمۇ؟
ئادالىتىڭ ئۇنتۇلۇش دىيارىدا بىلىنەرمۇ؟
14 بىراق مەن ساڭا پەرياد قىلىمەن، ئەي پەرۋەردىگار.
دۇئايىم سەھەردە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا يېتىپ بارىدۇ.
15 ئەي پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا مېنى تاشلىۋەتتىڭ؟
نېمىشقا يۈزۈڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟
16 مەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ئېزىلىپ، ئۆلەي دېدىم،
سېنىڭ دەھشىتىڭدىن ھېچ ھالىم قالمىدى.
17 غەزىپىڭنىڭ ئوتى ئۈستۈمدىن ئۆتتى.
ۋەھىمىلىرىڭ مېنى ۋەيران قىلدى.
18 ئۇلار كۈن بويى مېنى سۇدەك ئوراۋالدى،
ئۇلار بىرلىكتە مېنى قورشىۋالدى.
19 سەن دوست-ئاغىنىلىرىمنى مەندىن يىراق قىلدىڭ.
قاراڭغۇلۇق مېنىڭ يارىم بولدى.