89
1 ئەزراھلىق ئېتان يازغان نەزمە. 2 مەن پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمەتلىرى توغرىسىدا
ئەبەدكىچە ناخشا ئېيتىمەن.
نەسىلدىن نەسىلگە ئاغزىم بىلەن
سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭنى بايان قىلىمەن.
3 چۈنكى مەن: «مېھىر-شەپقەت مەڭگۈگە تىكلىنىدۇ،
ۋاپادارلىقىڭ ئەرشتە مەزمۇت قىلىنىدۇ» دەيمەن.
4 سەن مۇنداق دېدىڭ:
«مەن ئۆز تاللىغىنىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم،
خىزمەتكارىم داۋۇدقا قەسەم قىلدىم:
5 ‹سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى ئەبەدكىچە مەزمۇت قىلىمەن،
تەختىڭنى نەسىلدىن نەسىلگە تۇرىدىغان قىلىمەن›».
سېلاھ.
6 ئەي پەرۋەردىگار، ئاسمانلار سېنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىڭنى مەدھىيىلەيدۇ.
مۇقەددەسلەر جامائىتىدە ۋاپادارلىقىڭ مەدھىيىلىنىدۇ.
7 چۈنكى ئاسماندا پەرۋەردىگارغا تەڭداش بىرى بارمۇ؟
پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا پەرۋەردىگارغا ئوخشايدىغان كىم بار؟
8 مۇقەددەسلەرنىڭ جامائىتىدە خۇدا ئىنتايىن بەھەيۋەتتۇر،
ئۆپچۆرىسىدىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇ سۈرلۈكتۇر.
9 ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا،
سەندەك كۈچ-قۇدرەتلىك كىم بار، ئەي پەرۋەردىگار؟
سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭ سېنىڭ چۆرەڭدىدۇر.
10 سەن مەغرۇر دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ،
ئۇنىڭ ئۆركەشلىگەن دولقۇنلىرىنى تىنچلاندۇرىسەن.
11 سەن راھابنى يانجىپ ئۆلۈكتەك قىلىۋەتتىڭ.
كۈچلۈك بىلىكىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتىڭ. ■
12 ئاسمان سېنىڭكى، يەرمۇ سېنىڭكىدۇر.
ئالەم ۋە ئىچىدىكى ھەممىنى سەن بەرپا قىلدىڭ.
13 شىمال ۋە جەنۇبنى سەن ياراتتىڭ.
تابور ۋە خەرمون تاغلىرى سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەپ
شادلىق ساداسىنى ياڭرىتىدۇ.
14 سېنىڭ بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر.
ئوڭ قولۇڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەندۇر.
15 ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تەختىڭنىڭ ئۇلىدۇر،
مېھىر-شەپقەت ۋە ساداقەتلىك كۆز ئالدىڭدا ماڭىدۇ.
16 ئەي پەرۋەردىگار، تەنتەنە ساداسىنى بىلىدىغان خەلق بەختلىكتۇر.
ئۇلار يۈزۈڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ.
17 كۈن بويى ئۇلار سېنىڭ نامىڭدىن شادلىنىپ،
ئادالىتىڭ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.
18 چۈنكى ئۇلارنىڭ پەخرى ۋە شان-شەرىپى سەن بولىسەن.
سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ. ■
19 چۈنكى پەرۋەردىگار قالقىنىمىزدۇر،
ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى، بىزنىڭ پادىشاھىمىزدۇر.
20 سەن ئۆز تەقۋادارلىرىڭغا ۋەھىيدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدىڭ:
«مەن بىر پالۋانغا ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم،
خەلقنىڭ ئارىسىدىن مەن بىر يىگىتنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم.
21 خىزمەتكارىم داۋۇدنى تېپىپ،
ئۇنى تاللاپ مۇقەددەس يېغىم بىلەن مەسىھلىدىم.
22 ئۆز قولۇم ھەمىشە ئۇنىڭغا يولەك بولىدۇ،
بىلىكىم ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
23 دۈشمەن ئۇنى بوزەك قىلالمايدۇ
زالىم ئۇنى ئېزەلمەيدۇ.
24 مەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلارنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ يىقىتىمەن،
ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەرنى بىتچىت قىلىمەن.
25 ئەمما ۋاپادارلىقىم ۋە مېھىر-شەپقىتىم ئۇنىڭغا يار بولىدۇ،
مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ.
26 مەن ئۇنىڭ قولىنى دېڭىز ئۈستىگە،
ئوڭ قولىنى دەريالار ئۈستىگە قويىمەن.
27 ئۇ ماڭا دۇئا قىلىپ: ‹سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ خۇدايىمسەن.
نىجاتلىقىمنىڭ قورام تېشىسەن› دەيدۇ.
28 مەن ئۇنى تۇنجى ئوغلۇم قىلىپ،
يەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى قىلىمەن.
29 مېھىر-شەپقىتىم ئەبەدكىچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ،
ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.
30 مەن ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى ئەبەدكىچە ساقلايمەن،
ئۇنىڭ تەختىنى ئەرشنىڭ كۈنلىرىدەك ئەبەدىيلەشتۈرىمەن.
31 ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى قانۇنۇمنى تاشلاپ،
ئەھكاملىرىم بويىچە ماڭمىسا،
32 قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزۇپ،
ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،
33 مەن ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى تاياق بىلەن
ۋە گۇناھلىرىنى بالا-قازالار بىلەن جازالايمەن.
34 ئەمما مېھىر-شەپقىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەيمەن،
ساداقىتىمدىن ۋاز كەچمەيمەن.
35 مەن ئۆز ئەھدەمنى بۇزمايمەن،
لەۋلىرىمدىن چىققاندىن ھەرگىز قايتمايمەن.
36 بىر قېتىم مۇقەددەسلىكىم بىلەن قەسەم قىلدىم.
داۋۇدقا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيمەن.
37 ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى ئەبەدكىچە ساقلىنار،
ئۇنىڭ تەختى ئالدىمدا قۇياشتەك تۇرار.
38 ئۇ ئاي كەبى ئەبەدكىچە،
ئاسماندىكى ۋاپادار گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار».
سېلاھ.
39 لېكىن سەن ئۆزۈڭ تاللاپ مەسىھلىگىنىڭنى رەت قىلىپ تاشلىۋەتتىڭ،
ئۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندىڭ.
40 خىزمەتكارىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ،
ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ بۇلغىۋەتتىڭ.
41 ئۇنىڭ ھەممە تاملىرىنى يىقىتىپ،
قورغانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ.
42 يولدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلاڭ تالاڭ قىلدى،
ئۇ قوشنىلىرىنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالدى.
43 سەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلىرىنىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈردۈڭ،
دۈشمەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى خۇشال قىلدىڭ.
44 ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى قايرىۋەتتىڭ،
جەڭدە ئۇنى يۆلىمىدىڭ.
45 ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى يوقاتتىڭ،
تەختىنى يەرگە يىقىتىپ تاشلىدىڭ.
46 ياشلىقىنىڭ كۈنلىرىنى قىسقارتتىڭ،
ئۇنى ئىزا-ئاھانەت بىلەن قاپلىدىڭ.
سېلاھ.
47 قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ، ئەي پەرۋەردىگار؟
ئەبەدكىچە ئۆزۈڭنى يوشۇرامسەن؟
قەھر-غەزىپىڭ ئوتتەك يېنىپ تۇرىۋېرەمدۇ؟
48 سەن مېنىڭ ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى ئېسىڭدە تۇتقىن.
سەن نېمىشقىمۇ ئادەم بالىلىرىنى ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈشكە ياراتقانسەن؟
49 ھاياتتا ياشاپ، ئۆلۈمنى كۆرمەيدىغان كىم بار؟
ئۆز جېنىنى ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالايدىغان كىم بار؟
سېلاھ.
50 ئەي رەببىم، سەن ساداقەتتە داۋۇدقا قىلغان قەسىمىڭ بويىچە
بۇرۇن كۆرسەتكەن مەرھەمەتلىرىڭ نەدە قالدى؟
51 ئەي رەببىم، خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۇچرىغان مەسخىرىلەرنى، ھەممە ئەللەرنىڭ ھاقارەتلىرىنى
كۆكسۈمدە كۆتۈرۈپ يۈرگىنىمنى ئەسكە ئالغىن.
52 ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ مەسخىرە قىلىپ،
ئۆزۈڭ تاللاپ مەسىھلىگىنىڭنىڭ قەدەملىرىنى
قانداق خىجالەتكە سالغىنىنى ئەستە تۇتقىن.
53 پەرۋەردىگارغا ئەبەدكىچە ھەمدۇسانا بولغاي!
ئامىن، ئامىن!