تۆتىنچى بۆلۈم - زەبۇر 90-106
90
‏1 خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ بىر دۇئاسى.
 
ئەي رەببىم، نەسىلدىن نەسىلگە
سەن بىزنىڭ پاناھگاھىمىز بولۇپ كەلدىڭ.
‏2 تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن،
سەن يەر ۋە دۇنيانى ياراتماستىن بۇرۇن،
ئەزەلدىن ئەبەدكىچە سەن خۇدادۇرسەن.
‏3 سەن ئىنساننى تۇپراققا قايتۇرۇپ:
«ئەي ئادەم بالىلىرى، قايتىڭلار» دەيسەن.
‏4 چۈنكى سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل
تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەك،
كېچىنىڭ بىر جېسەك ۋاقتىدەكتۇر.
‏5 سەن ئۇلارنى كەلكۈن سۈيىدەك ئېقىتىۋېتىسەن.
ئۇلار بىر ئۇيقۇغا:
سەھەردە ئۈنۈپ چىقىدىغان ئوت-چۆپكە ئوخشار:
‏6 ئەتىگەندە ئۇلار كۆكلەپ ئۈنۈپ چىقار،
ئاخشىمى ئورۇلۇپ سولىشىپ قۇرار.
 
‏7 چۈنكى بىز غەزىپىڭدە ئېرىپ كېتىمىز،
قەھرىڭدىن ساراسىمىگە چۈشىمىز.
‏8 سەن خاتالىرىمىزنى ئالدىڭغا قويدۇڭ،
يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى يۈزۈڭنىڭ نۇرىغا چىقاردىڭ.
‏9 چۈنكى كۈنلىرىمىز سېنىڭ غەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتەر،
ئۆمرىمىز تارتقان بىر «ئۇھ»تەك تۈگەر.
‏10 ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل،
كىشى قۇۋۋەتلىك بولسا سەكسەن يىل بولار،
لېكىن ياخشى يىللىرىمىزمۇ مۇشەققەت ۋە غەمگە تولغاندۇر.
ئۆمرىمىز تېز تۈگەر،
ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.
‏11 سېنىڭ غەزىپىڭنىڭ قاتتىقلىقىنى كىم بىلەر؟
قەھرىڭگە لايىق تەرىقىدە سەندىن قورقىدىغان كىم بار؟
‏12 كۆڭلىمىزنى ھېكمەتكە تولسۇن دەپ،
كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكىن.
 
‏13 ئەي پەرۋەردىگار، قايتىپ كەلگىن. قاچانغىچە كۈتىمىز؟
ئۆز خىزمەتكارلىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىغاي.
‏14 تاڭدا مېھىر-شەپقىتىڭگە بىزنى قاندۇرغىن،
ئۆمۈر بويى كۈيلەر ياڭرىتىپ شادلىنايلى.
‏15 بىزنى قانچە كۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلغان بولساڭ،
نەچچە يىل بالايىئاپەتكە ئۇچرىغان بولساق،
شۇنچە ۋاقىت بىزنى خۇشال قىلغىن.
‏16 ئۇلۇغ ئىشلىرىڭنى خىزمەتكارلىرىڭ كۆرسۈن،
شانۇ-شەۋكىتىڭ ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ئاشكارا بولسۇن.
‏17 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ شاپائىتى ئۈستىمىزدە بولغاي،
قوللىرىمىزنىڭ خىزمىتىگە بەرىكەت بەرگىن.
بەرھەق، قوللىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن!