91
1 كىمكى ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھگاھىدا ياشىسا، ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سايىسىدا ئارام تاپىدۇ.
2 مەن پەرۋەردىگار توغرىسىدا:
«ئۇ مېنىڭ پاناھىم ۋە قورغىنىمدۇر،
تايانچىم بولغان خۇدايىمدۇر» دەيمەن.
3 بەرھەق، ئۇ سېنى قىلتاقچىنىڭ قىلتىقىدىن چىقىرىۋالىدۇ،
سېنى ھالاك قىلىدىغان ۋابادىن قۇتقۇزىدۇ.
4 ئۇ سېنى پەيلىرى بىلەن ياپىدۇ،
قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا ساڭا پاناھ بېرىدۇ.
ئۇنىڭ ۋاپادارلىقى قالقان ۋە ئىستىھكامدۇر.
5 سەن نە كېچىنىڭ دەھشىتىدىن
نە كۈندۈزى ئۇچقان يا ئوقىدىن،
6 نە قاراڭغۇلۇقتا يۈرىدىغان ۋابا،
نە چىڭقى چۈشتە ۋەيران قىلىدىغان ھالاكەتتىن قورقمايسەن.
7 سېنىڭ يېنىڭدا مىڭ كىشى يىقىلسىمۇ،
ئوڭ يېنىڭدا ئون مىڭ كىشى يىقىلىپ چۈشسىمۇ،
بالا-قازا ساڭا يېقىن كەلمەيدۇ.
8 سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن كۆزىتىپ،
يامانلارنىڭ جازالانغىنىنى كۆرىسەن.
9 چۈنكى سەن: «ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ تايانچىمسەن» دېدىڭ،
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانى پاناھگاھىم دەپ تاللىدىڭ.
10 بېشىڭغا ھېچبىر يامانلىق كەلمەس،
چېدىرىڭغا ھېچ ۋابا يېقىنلاشماس.
11 چۈنكى ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلىدۇ،
ئۇلار سېنى ھەممە يوللىرىڭدا قوغدايدۇ.
12 پۇتۇڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ،
ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرىدۇ.
13 سەن شىر ۋە يىلاننى دەسسەيسەن،
ئارسلان ۋە ئەجدىھانى چەيلەيسەن.
14 ئۇ مېنى سۆيگىنى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزىمەن،
ئۇ مېنىڭ نامىمنى بىلگىنى ئۈچۈن ئۇنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قوغدايمەن.
15 ئۇ ماڭا نىدا قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن.
ئۇ ئېغىر ئازابتا قالغىنىدا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن.
مەن ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىمەن.
16 مەن ئۇنى ئۇزۇن ئۆمۈر بىلەن تويدۇرىمەن
ۋە ئۇنىڭغا نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىمەن.