92
1 شابات كۈنى توغرىسىدا بىر مەدھىيە ناخشىسى. 2 ئەي پەرۋەردىگار، ساڭا شۈكۈر ئېيتىش،
سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش
نەقەدەر ئېسىلدۇر، ئەي ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا!
3 سەھەردە مېھرىڭنى ۋە كېچىدە ۋاپادارلىقىڭنى
4 ئون تارلىق ساز، چىلتار ۋە لىرا چېلىش بىلەن بايان قىلىش قانداق ياخشى!
5 چۈنكى سەن، ئەي پەرۋەردىگار،
ئەمەللىرىڭ بىلەن مېنى خۇشال قىلدىڭ.
مەن قوللىرىڭنىڭ ئىشلىرىدىن شادلىنىپ
ناخشا ياڭرىتىمەن.
6 ئەي پەرۋەردىگار، ئەمەللىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغ،
ئوي-خىياللىرىڭ نېمىدېگەن چوڭقۇر.
7 گالۋاڭ كىشى بۇنى بىلمەس،
ئەخمەق كىشى بۇنى چۈشەنمەس.
8 يامانلار ئوت-چۆپتەك كۆكلىسىمۇ،
ئەسكىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چېچەكلەپ گۈللىسىمۇ،
ئۇلار مەڭگۈگە يوقىلىدۇ.
9 ئەمما سەن، ئەي پەرۋەردىگار،
ئەبەدكىچە ئۈستۈن تۇرىسەن.
10 چۈنكى مانا، دۈشمەنلىرىڭ، ئەي پەرۋەردىگار،
دۈشمەنلىرىڭ ھالاك قىلىنار،
ھەممە ئەسكىلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن بولار.
11 لېكىن سەن مېنىڭ مۈڭگۈزۈمنى ياۋا بۇقىنىڭدەك ئېگىز كۆتۈرىسەن،
يېڭى ياغ بىلەن مېنى مەسىھلەيسەن.
12 كۆزۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرىدۇ،
قۇلاقلىرىم ماڭا قارشى يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاڭلايدۇ.
13 ھەققانىي كىشى خورما دەرىخىدەك كۆكلەر،
ئۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخىدەك ئۆسەر.
14 پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە كۆچەتتەك تىكىلگەنلەر
خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا چېچەكلەر.
15 ئۇلار قېرىپ كەتكەندىمۇ مېۋە بېرەر،
شىرنىلىك بولۇپ كۆكلەپ تۇرار.
16 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئادىللىقىنى نامايان قىلىدۇ:
ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم، ئۇنىڭدا ھەقسىزلىق يوقتۇر.