93
1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر. ئۇ ئۇلۇغلۇقى بىلەن يېپىندى.
پەرۋەردىگار قۇدرەت بىلەن بېلىنى باغلىدى.
شۇڭا دۇنيا مەزمۇت، تەۋرەنمەس.
2 سېنىڭ تەختىڭ بەرپا بولغان قەدىمدىن.
سەن بار ئىدىڭ ئەزەلدىن.
3 ئەي پەرۋەردىگار، تاشقىنلار ئۆرلىدى،
تاشقىنلارنىڭ ساداسى كۆتۈرۈلدى،
تاشقىنلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەپ شاۋقۇن كۆتۈردى.
4 لېكىن ئەرشتىكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ سۇلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن،
دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ئۆركەشلىشىدىنمۇ قۇدرەتلىكتۇر.
5 سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭ نەقەدەر ئىشەنچلىكتۇر.
مۇقەددەسلىك ئەبەدكىچە سېنىڭ ئۆيۈڭنى زىننەتلەيدۇ، ئەي پەرۋەردىگار.