94
1 ئەي ئىنتىقام ئالغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەي ئىنتىقام ئالغۇچى خۇدا، شان-شەرەپ بىلەن پارلىغىن.
2 ئورنۇڭدىن قوزغال، ئەي دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى،
تەكەببۇرلارنىڭ جازاسىنى بەرگىن.
3 يامانلار قاچانغىچە، ئەي پەرۋەردىگار،
قاچانغىچە شادلىنىپ يۈرىۋېرىدۇ؟
4 ئۇلار ۋالاقشىپ يوغان گەپ قىلىدۇ.
ئەسكىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پەخىرلىنىپ يۈرىدۇ.
5 ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلار خەلقىڭنى ئېزىپ،
مىراسىڭنى باسماقتا.
6 ئۇلار تۇل ئايال ۋە مۇساپىرنى قىرىپ تاشلاپ،
يېتىملارنى ئۆلتۈرىدۇ.
7 «پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ،
ياقۇبنىڭ خۇداسى بۇنى بىلمەيدۇ» دېيىشىدۇ.
8 ئەي سىلەر، خەلقنىڭ ئارىسىدىكى گالۋاڭلار، دىققەت قىلىڭلار!
ئەي ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟
9 قۇلاقنى ياراتقۇچى ئاڭلىمامدۇ؟
كۆزنى ياسىغۇچى كۆرمەمدۇ؟
10 ئەللەرگە تەربىيە بەرگۈچى، ئىنسانغا بىلىم ئۆگەتكۈچى
ئادەمنى سوراققا تارتماسمۇ؟
11 پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى بىلىپ،
خىياللىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
12 ئەي پەرۋەردىگار، سەن تەربىيىلىگەن ئادەم،
سەن ئۆز تەۋرات قانۇنۇڭنى ئۆگەتكەن كىشى
نەقەدەر بەختلىكتۇر!
13 شۇنداق قىلىپ، يامانلارنىڭ گۆرى كولانغۇچە،
سەن ئۇنىڭغا يامان كۈنلەردە ئاراملىق بېرىسەن.
14 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەس،
ئۆز مىراسنى تاشلاپ كەتمەس.
15 چۈنكى ھۆكۈم ئادالەتكە قايتار،
كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشەر.
16 كىم مەن ئۈچۈن يامانلارغا قارشى چىقار؟
كىم مەن ئۈچۈن ئەسكىلىك قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرار؟
17 ئەگەر پەرۋەردىگار ياردەمچىم بولمىغان بولسا،
بۇ ۋاقىتقىچە جېنىم چىقىپ،
جىمجىتلىق ئىچىدە ياتار ئىدى.
18 ئەي پەرۋەردىگار، پۇتۇم تېيىلىدۇ دېسەم،
سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ مېنى يۆلىدى.
19 كۆڭلۈم غەم-ئەندىشىگە تولغاندا،
سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى.
20 رەزىللىكنىڭ ھۆكۈم تەختىنىڭ سەن بىلەن نېمە شېرىكلىكى بار؟
ئۇنداقلار قانۇننى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، زۇلۇم قىلار.
21 ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا قارشى بىرلىشىپ،
بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلار.
22 ئەمما پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قەلئەمدۇر،
خۇدايىم ماڭا پاناھ بولغان قورام تېشىمدۇر.
23 ئۇ ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرار،
ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلار.
بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى يوقىتىۋېتەر.