95
‏1 كېلىڭلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتايلى،
نىجاتلىقىمىزنىڭ قورام تېشىنى مەدھىيىلەپ تەنتەنە قىلايلى.
‏2 شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى،
ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، تەنتەنە قىلايلى.
‏3 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ خۇدادۇر،
ئۇ ئۇلۇغ پادىشاھ، بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر!
‏4 يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر،
تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر.
‏5 دېڭىز ئۇنىڭكىدۇر، ئۇ ئۇنى ياراتقان.
يەرنىمۇ ئۇنىڭ قوللىرى ياسىغان.
 
‏6 كېلىڭلار، باش ئېگىپ سەجدە قىلايلى،
ياراتقۇچىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىز چۆكەيلى.
‏7 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر.
بىز ئۇنىڭ يايلىقىنىڭ خەلقىدۇرمىز،
ئۇنىڭ قولىدىكى قويلارمىز.
كاشكى بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلارچۇ!
‏8 سىلەر مەرىبادا ۋە ئۇ كۈنى چۆل ئىچىدىكى ماسسادا قىلغىنىڭلاردەك،
يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!
‏9 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئەمەللىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ،
ئۇ يەردە مېنى سىنىدى ۋە تەكشۈردى.
‏10 مەن قىرىق يىل داۋامىدا ئۇ نەسىلدىن بىزار بولۇپ:
«بۇلار كۆڭلى ئازغان بىر خەلق،
ئۇلار مېنىڭ يوللىرىمنى تونۇمايدۇ» دېدىم.
‏11 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن غەزەپ بىلەن قەسەم قىلىپ:
«ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا ھەرگىز كىرمەيدۇ» دېدىم.