96
1 پەرۋەردىگارغا يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭرىتىڭلار،
پۈتۈن يەر-زېمىن.
2 پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار،
ئۇنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار.
ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى جاكارلاڭلار!
3 خەلقلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى،
ھەممە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىنى بايان قىلىڭلار.
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ۋە مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر،
ئۇ ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈن بولغاچ،
ئۇنىڭدىنلا قورقۇش كېرەكتۇر.
5 چۈنكى ھەممە خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى بۇتلاردۇر،
ئەمما پەرۋەردىگار ئاسمانلارنى ياراتقاندۇر.
6 ئىززەت ۋە شان-شەرەپ ئۇنىڭ ئالدىدىدۇر،
قۇدرەت ۋە گۈزەللىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدىدۇر.
7 پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي ئەللەرنىڭ قەبىلىلىرى،
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى مەدھىيىلەڭلار.
8 پەرۋەردىگارغا، ئۆز نامىغا لايىق ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
ئۇنىڭ ھويلىلىرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار.
9 مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار.
ئەي پۈتكۈل يەر يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار.
10 خەلقلەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلاركى: «پەرۋەردىگار پادىشاھتۇر.
شۇڭا دۇنيا مەزمۇت تۇرۇپ تەۋرەنمەيدۇ.
خۇدا خەلقلەر ئۈستىدىن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ».
11 ئەمدى ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر يۈزى خۇشال بولسۇن.
دېڭىز ۋە ئۇنىڭ ئىچدىكىلەر ساداسىنى ياڭراتسۇن.
12 دالىلار ۋە ئۇلاردىكى ھەممە نەرسىلەر شادلانسۇن.
ئورماننىڭ ھەممە دەرەخلىرى
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىق ساداسىنى ياڭراتسۇن.
13 چۈنكى ئۇ كېلىدۇ، ئۇ يەرگە ھۆكۈم قىلىشقا كېلىدۇ.
ئۇ دۇنيا ئۈستىدىن ئادىللىق بىلەن
ۋە ئەللەر ئۈستىدىن ھەقىقىتى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.