97
1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر! يەر يۈزى شادلانسۇن، ھەممە ئارال-قىتئەلەردىكىلەر خۇشال بولسۇن.
2 بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدىدۇر،
ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئۇلىدۇر.
3 ئوت ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىپ،
ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.
4 ئۇنىڭ چاقماقلىرى دۇنيانى يورۇتىدۇ،
يەر-زېمىن كۆرۈپ تىترەيدۇ.
5 تاغلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا،
پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا
مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ.
6 ئاسمانلار بولسا ئۇنىڭ ئادالىتىنى بايان قىلىدۇ،
بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ.
7 ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلاردىن ماختانغانلارنىڭ ھەممىسى
شەرمەندە بولار.
ئەي ھەممە ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!
8 ئەي پەرۋەردىگار، سىئون بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى،
يەھۇدا قىزلىرى سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭدىن شادلاندى.
9 چۈنكى سەن، ئەي پەرۋەردىگار، پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىسەن،
ئىلاھلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇتلەق ئۈستۈنسەن.
10 پەرۋەردىگارنى سۆيىدىغانلەر، يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈڭلار.
ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ جانلىرىنى قوغداپ،
ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزار.
11 ھەققانىيلارغا نۇر چېچىلغاندۇر،
دۇرۇسلارنىڭ كۆڭلىگە شادلىق ئۇرۇقى تېرىلغاندۇر.
12 ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنۈڭلار،
ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ شۈكۈر ئېيتىڭلار.