98
1 بىر مەدھىيە ناخشىسى. پەرۋەردىگار ئۈچۈن يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار.
چۈنكى ئۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى،
ئۇنىڭ ئوڭ قولى ۋە مۇقەددەس بىلىكى ئۇنىڭغا نۇسرەت كەلتۈردى.
2 پەرۋەردىگار نىجاتلىقىنى ئايان قىلىپ،
ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئادالىتىنى كۆرسەتتى.
3 ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-شەپقىتىنى
ۋە ۋاپادارلىقىنى ئېسىگە كەلتۈردى.
يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى.
4 ئەي پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر، ئاۋازىڭلارنى ياڭرىتىپ،
پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار!
شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار،
مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار!
5 لىرا چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،
لىرا ۋە بىر ناخشا ساداسى بىلەن!
6 كاناي ۋە بۇرغا چېلىپ،
پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ
تەنتەنە ساداسى ياڭرىتىڭلار.
7 دېڭىز شاۋقۇن چىقارسۇن، ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرمۇ ھەم،
دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكىلەرمۇ ھەم.
8 ئېقىن-تاشقىنلار چاۋاك چېلىشسۇن،
تاغلار قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا
شادلىنىپ تەنتەنە قىلسۇن.
9 چۈنكى ئۇ يەرگە ھۆكۈم قىلىشقا كېلىدۇ.
ئۇ دۇنيا ئۈستىدىن ئادىللىق بىلەن،
ئەللەر ئۈستىدىن ھەقىقەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.