99
‏1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر، خەلقلەر تىترىسۇن.
ئۇ كېرۇبلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇر، يەر سىلكەنسۇن.
‏2 پەرۋەردىگار سىئوندا ئۇلۇغدۇر،
ئۇ ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىدىدۇر.
‏3 ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك نامىڭنى مەدھىيىلىسۇن.
ئۇ مۇقەددەستۇر.
‏4 پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتنى سۆيگەنلىكىدىندۇر.
تەڭ-باراۋەرلىكنى سەن بەرپا قىلدىڭ.
ياقۇبتا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ئادا قىلدىڭ.
‏5 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار!
ئۇنىڭ ئايىغىغا سەجدە قىلىڭلار.
ئۇ مۇقەددەستۇر.   
 
‏6 مۇسا ۋە ھارۇن ئۇنىڭ كاھىنلىرىدىن ئىدى،
سامۇئەلمۇ ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ دۇئا قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنى چاقىرىپ دۇئا قىلغاندا،
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى.
‏7 بۇلۇت تۈۋرۈكىدىن ئۇ ئۇلارغا سۆزلىدى.
ئۇلار ئۇنىڭ بەرگەن يوليورۇقلىرى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشتى.
‏8 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ.
ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئەمەللىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالغان بولساڭمۇ،
ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغان بىر خۇدا ئىدىڭ.
‏9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار،
ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىڭلار،
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر.