100
1 شۈكۈر ناخشىسى. ئەي پۈتكۈل يەر يۈزى، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ
ئاۋازىڭلارنى ياڭرىتىڭلار.
2 خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار،
شادلىق ناخشىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىڭلار.
3 پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر دەپ بىلىڭلار.
ئۇ بىزنى ياراتقان ۋە بىز ئۇنىڭكىمىز.
بىز ئۇنىڭ خەلقى ۋە يايلاقلىرىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.
4 شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ئۆتۈڭلار،
ھەمد ئېيتىپ ئۇنىڭ ھويلىلىرىغا كىرىڭلار،
مىننەتدارلىق بىلەن ئۇنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
5 چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدكىچە
ۋە ۋاپادارلىقى نەسىلدىن نەسىلگە داۋام چىلار.