101
‏1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
مەن مېھىر-شەپقەت ۋە ئادالەت توغرىسىدا ناخشا ئېيتىمەن.
ساڭا، ئەي پەرۋەردىگار، مەدھىيە ناخشىلىرىمنى ئېيتىمەن.
‏2 سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن؟
ئېھتىيات بىلەن توغرا يولدا ماڭىمەن،
ئۆز ئۆيۈمدە كۆڭلۈمنى پاك تۇتىمەن.
‏3 ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆزلىرىمنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمەيمەن.
مەن يولدىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى يامان كۆرىمەن.
مۇنداق نەرسىلەر ماڭا ئەسلا چاپلاشماس.
‏4 بۇزۇق كۆڭۈل مەندىن يىراق تۇرسۇن،
يامانلىق بىلەن تونۇشقۇم يوق.
‏5 كىمكى ئۆز قوشنىسىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلسا، ئۇنى يوق قىلىمەن.
نەزىرى كىبىرلىك ۋە كۆڭلى تەكەببۇر ئادەمگە چىداپ تۇرالمايمەن.
 
‏6 كۆزلىرىم زېمىننىڭ ۋاپادارلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر.
ئۇلار مەن بىلەن بىللە ئولتۇرسۇن.
مۇكەممەل يولدا ماڭغان كىشى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن.
‏7 ھىيلىگەرلىك قىلغان كىشى مېنىڭ ئۆيۈمدە ئولتۇرمايدۇ،
يالغان سۆزلىگەن كىشى كۆز ئالدىمدا تۇرالمايدۇ.
‏8 ئەسكىلىك قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن،
ھەر كۈنى سەھەردە مەملىكەتتىكى ھەممە يامان ئادەملەرنى يوق قىلىمەن.