102
‏1 ئازاب-ئوقۇبەت تارتقۇچىنىڭ دۇئاسى، ئۇنىڭ ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قىلغان داد-پەريادى.
 
‏2 ئەي پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغىن،
نالەم ساڭا يەتسۇن.
‏3 ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغان كۈنۈمدە
مەندىن يۈزۈڭنى يوشۇرمىغىن.
نالە قىلغان كۈنۈمدە
ماڭا قۇلاق سېلىپ، تېز جاۋاب بەرگىن.
‏4 كۈنلىرىم تۈتۈندەك يوق بولۇپ كەتتى،
ئۇستىخانلىرىم تونۇرنىڭ چوغلىرىدەك بولۇپ قالدى.
‏5 يۈرىكىم سولىشىپ ئوت-چۆپلەردەك قۇرۇپ كەتتى.
ھەتتا نان يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.
‏6 ھەسرەتلىك ئاھۇ-پەريادلىرىمدىن
تېرەم ئۇستىخىنىمغا يېپىشىپ قالدى.
‏7 مەن چۆل-باياۋاندىكى ساقىيقۇشقا ئوخشاپ قالدىم،
ۋەيرانچىلىقنى ماكان قىلغان مۈشۈكياپىلاق كەبىدۇرمەن.
‏8 مەن ئۇيقۇسىز قالدىم،
ئۆگزىدىكى يالغۇز بىر قۇشقاچ كەبىدۇرمەن.
‏9 دۈشمەنلىرىم كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلىدۇ.
ماڭا قارشى غەزىپى تاشقانلار ئۈستۈمگە لەنەت ياغدۇرىدۇ.
‏10 مەن كۈلنى ناندەك يېدىم،
كۆز يېشىم قوشۇلغان ئىچىملىك ئىچتىم.
‏11 سېنىڭ غەزىپىڭ ۋە قەھرىڭنىڭ سەۋەبىدىن ھالىم شۇنداق بولدى.
چۈنكى سەن مېنى كۆتۈردۈڭ ۋە يەنە تاشلىۋەتتىڭ.
‏12 كۈنلىرىم ئۇزارغان سايىدەك يوقالماقتا.
ئۆزۈم ئوت-چۆپلەردەك قۇرۇماقتىمەن.
 
‏13 ئەمما سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئەبەدكىچە تۇرىسەن،
سېنىڭ شۆھرىتىڭ نەسىلدىن نەسىلگە داۋام قىلىدۇ.
‏14 سەن قوزغىلىپ سىئونغا رەھىم قىلىسەن،
چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى،
بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى.
‏15 سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ ئۇنىڭ تاشلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ،
چاڭ-توپىسىنى ھەم سۆيىدۇ.
‏16 ئەي پەرۋەردىگار، ئەللەر سېنىڭ نامىڭدىن،
يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلار سېنىڭ شان-شۆھرىتىڭدىن قورقىدۇ.
‏17 چۈنكى پەرۋەردىگار سىئوننى قايتا قۇرغاندا،
ئۇ ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە كۆرۈنىدۇ.
‏18 ئۇ مىسكىنلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالىدۇ،
ئۇ ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى كەمسىتمەيدۇ.
‏19 بۇلار كېلىدىغان نەسىل ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ،
كەلگۈسىدىكى خەلق پەرۋەردىگارغا ھەمد ئېيتىدۇ.
‏20 چۈنكى ئۇ ئېگىز مۇقەددەس دەرگاھىدىن تۆۋەنگە نەزەر سالدى،
ئەرشتىن يەر يۈزىنى كۆزەتتى
‏21 مەھبۇسلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاي،
ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى قۇتقۇزاي دەپ.
‏22 شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن
خەلقلەر يىغىلغىنىدا ۋە ئەللەر توپلانغىنىدا،
‏23 پەرۋەردىگارنىڭ نامى سىئوندا جاكارلىنىدۇ
ۋە يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا مەدھىيە ئېيتىلىدۇ.
 
‏24 ئۇ مېنىڭ كۈچۈمنى يولدا ئاجىزلاشتۇرۇپ،
كۈنلىرىمنى قىسقارتتى.
‏25 «ئەي خۇدايىم، مېنى كۈنلىرىمنىڭ يېرىمىدا ئېلىپ كەتمىگىن» دېدىم.
سېنىڭ يىللىرىڭ نەسىلدىن نەسىلگە داۋام قىلار.
‏26 دەسلەپتە سەن يەرنىڭ ئۇلىنى بەرپا قىلدىڭ،
ئاسمانلار سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ ئەسىرىدۇر.
‏27 ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، ئەمما سەن ئەبەدىي تۇرىسەن.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ،
سەن ئۇلارنى لىباستەك ئالماشتۇرىسەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوقىتىلىدۇ.
‏28 ئەمما سەن ئۆزگەرمەس،
يىللىرىڭنىڭ ئاخىرى يوقتۇر.
‏29 خىزمەتكارلىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ خاتىرجەم ياشاۋېرىدۇ،
ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرىدۇ.