103
‏1 داۋۇد يازغان ناخشا.
 
ئەي جېنىم، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتقىن،
پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى مەدھىيىلىسۇن.
‏2 ئەي جېنىم، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتقىن،
ئۇنىڭ ھەممە نېمەتلىرىنى ئۇنتۇمىغىن.
‏3 ئۇ سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى كەچۈرەر،
سېنىڭ ھەممە كېسەللىرىڭنى ساقايتار.
‏4 ئۇ ھاياتىڭنى گۆردىن قۇتۇلدۇرار،
ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق تاجى كىيدۈرەر.
‏5 ئۇ كۆڭلۈڭنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولدۇرار.
ياشلىقىڭ بۈركۈتتەك يېڭىلىنار.
 
‏6 پەرۋەردىگار بارلىق زۇلۇم تارتقانلار ئۈچۈن
ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزەر.
‏7 ئۇ ئۆز يوللىرىنى مۇساغا كۆرسەتتى،
ئۆز ئىشلىرىنى بەنى ئىسرائىلغا ئايان قىلدى.
‏8 پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر،
ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەس،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىزدۇر.
‏9 ئۇ دائىما ئەيىبلىمەس،
غەزىپى ئەبەدكىچە سۈرمەس.
‏10 ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قاراپ مۇئامىلە قىلمىدى،
يامان ئىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى بەرمىدى.
‏11 چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا شۇنچىلىك زوردۇر.
‏12 شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراق بولسا،
بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچە يىراقلاشتۇرار.
‏13 ئاتا ئۆز بالىلىرىغا شەپقەت قىلغاندەك،
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا شەپقەت قىلار.
‏14 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ جىسمىمىزنى بىلىدۇ،
تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى ئېسىگە ئالىدۇ.
‏15 ئىنساننىڭ كۈنلىرى ئوت-چۆپكە ئوخشار،
ئۇ دالا گۈلىدەك چېچەكلەر.
‏16 شامال ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكىنىدە ئۇ يوق بولار،
ئۆز ئورنىمۇ ئۇنى ئەسلىمەس.
‏17 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى بولسا،
ئەزەلدىن ئەبەدكىچە ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر.
‏18 ئۇنىڭ ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا،
ئۇنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا
ۋە بۇيرۇقلىرىنى يادىدا ساقلىغانلارغىدۇر.
 
‏19 پەرۋەردىگار ئۆز تەختىنى ئەرشتە قۇرغاندۇر،
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
‏20 ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،
ئەي ئۇنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى،
ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، كالامىنىڭ ئاۋازىغا بۇيسۇنغانلار!
‏21 ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،
ئەي ئۇنىڭ ھەممە قوشۇنلىرى،
ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلايدىغان خىزمەتكارلىرى!
‏22 ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ھەممە جايلىرىدا،
ئەي ئۇنىڭ ھەممە مەخلۇقاتلىرى!
ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا، ئەي جېنىم!