104
1 ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا، ئەي جېنىم! ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، نېمىدېگەن ئۇلۇغسەن،
ئىززەت-ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن ئورالغانسەن.
2 سەن نۇرنى كىيىمدەك كىيگەن،
ئاسماننى چېدىردەك يايغانسەن.
3 سەن قەسرىڭنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى
سۇلارنىڭ ئۈستىدە ئورناتقانسەن،
بۇلۇتلارنى ئۆزۈڭگە ھارۋا قىلىپ،
شامالنىڭ قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىسەن.
4 سەن پەرىشتىلىرىڭنى شامال،
خىزمەتكارلىرىڭنى ئوت يالقۇنى قىلىسەن.
5 سەن يەرنى ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقانسەن.
ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھېچ تەۋرەنمەس.
6 ئۇنى چوڭقۇر سۇلار بىلەن تونغا ئورىغاندەك ئورىدىڭ.
سۇلار ئېگىز تاغلارنىڭ ئۈستىدە تۇردى.
7 سۇلار سېنىڭ تەھدىتلىرىڭ بىلەن يېنىپ،
سېنىڭ گۈلدۈرماما ئاۋازىڭدىن بەدەر قاچتى.
8 تاغلار ئۆرلەپ، ۋادىلار چۈشۈپ،
سەن ئۇلارغا بېكىتكەن ماكانغا جايلاشتى.
9 سەن سۇلار زېمىننى يەنە بېسىۋالمىسۇن دەپ
ئۇلارغا ئۆتەلمەيدىغان بىر چېگرا بېكىتتىڭ.
10 سەن ۋادىلارغا بۇلاق سۇلىرىنى ئېقىتىسەن.
ئۇلار تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئاقىدۇ.
11 ئۇلار دالادىكى ھەممە جانىۋارلارنى سۇغىرىدۇ.
ياۋا ئېشەكلەر ئۇ يەردە ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ.
12 ئاسماندىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويلىرىغا قونۇپ،
دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرىشىدۇ.
13 سەن ئۆز ئېگىزلىكىڭدىن تاغلارنى سۇغارغاچقا،
زېمىن سەن ئۆستۈرگەن مېۋىلەر بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.
14 سەن چارۋا ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپ ئۈندۈرۈپ،
ئىنسانلار ئۈچۈن زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈپ،
يەردىن ئاشلىق چىقىرىسەن.
15 ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى،
يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ياغنى،
شۇنداقلا ئىنساننىڭ يۈرىكىگە قۇۋۋەت بېرىدىغان ناننى چىقىرىپ بېرىسەن.
16 پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى،
يەنى ئۇ ئۆزى تىككەن لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرى
سۇغا قاندۇرۇلىدۇ.
17 قۇشلار ئۇ يەردە ئۇۋىلىرىنى ياسايدۇ،
لەيلەكلار قارىغاي دەرەخلىرىدە ماكان تۇتىدۇ.
18 ئېگىز تاغلار ياۋا تېكىلەرنىڭ ماكانى بولىدۇ،
قىيا تاشلار تاغ چاشقانلىرىنىڭ پاناھگاھى بولىدۇ.
19 سەن پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى،
پاتىدىغان ۋاقتىنى بىلىدىغان قۇياشنى ياراتتىڭ.
20 سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ، كېچە بولىدۇ.
ئورمانلاردىكى ھايۋانلار شىپىرلاپ يۈرۈشىدۇ.
21 ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەپ، خۇدادىن رىزىقلىرىنى تىلەيدۇ.
22 كۈن چىققاندا، ئۇلار ئۆز ئۇۋىلىرىغا قايتىپ كېلىپ ياتىدۇ.
23 ئادەم بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ،
ئاخشامغىچە مېھنەت قىلىدۇ.
24 ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ نەقەدەر كۆپ!
ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن.
دۇنيا سېنىڭ بايلىقلىرىڭ بىلەن تولغاندۇر.
25 مانا، بىپايان ۋە كەڭرى دېڭىز،
ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈزىدىغان سانسىز چوڭ-كىچىك جانىۋارلار باردۇر.
26 ئۇنىڭ ئۈستىدە كېمىلەر ئۈزۈپ يۈرىدۇ.
ئۇنىڭدا ئوينىسۇن دەپ سەن ياراتقان لېۋىئاتانمۇ تېپىلىدۇ. ■
27 يېمەكلىكىمىزنى ئۆز ۋاقتىدا بېرىدۇ دەپ،
ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
28 سەن ئۇلارغا بەرسەڭ، ئۇلار تېرىۋالىدۇ.
قولۇڭنى ئاچساڭ، ئۇلار ياخشى نېمەتلەرگە تويىدۇ.
29 يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار پەرىشان بولىدۇ.
نەپەسلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار ئۆلۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.
30 روھىڭنى ئەۋەتسەڭ، ئۇلار يارىتىلىدۇ.
ۋە سەن يەر يۈزىنى يېڭىلايسەن.
31 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئەبەدىيدۇر،
پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي.
32 ئۇ يەرگە نەزەر سالسا، يەر تىترەيدۇ،
تاغلارغا قول تەگكۈزسە، ئۇلاردىن تۈتۈن چىقىدۇ.
33 مەن ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمەن.
مەۋجۇتلا بولسام خۇدايىمغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن.
34 ئوي-خىياللىرىم ئۇنىڭغا يېقىملىق بولسۇن.
مەن پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن.
35 گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن يوق بولۇپ كەتسۇن،
يامانلار ھەرگىز قالمىسۇن.
پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىگىن، ئەي جېنىم.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ■