105
1 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ دۇئا قىلىڭلار،
خەلقلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىڭلار.
2 ئۇنى كۈيلەڭلار.
مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ،
ئۇنىڭ ھەممە ئاجايىپ ئىشلىرىنى بايان قىلىڭلار.
3 ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىڭلار.
پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن.
4 پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار،
توختىماي ئۇنىڭ دىدارىغا ئىنتىلىڭلار.
5 ئۇنىڭ قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرى ۋە كارامەتلىرىنى،
ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار.
6 ئەي ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى،
ئەي ئۇنىڭ تاللانغان خىزمەتكارى ياقۇبنىڭ بالىلىرى!
7 ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،
ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپسايدۇ.
8 ئۇ ئۆز ئەھدىنى ئەبەدىي ئېسىدە تۇتىدۇ،
مىڭ نەسىلگە بۇيرۇغان سۆزىنى،
9 ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى،
ئىسئھاققا ئىچكەن قەسىمىنى يادىدا ساقلايدۇ.
10 ئۇ بۇنى ياقۇبقا نىزام قىلىپ بېكىتىپ،
ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ بېرىپ:
11 «كەنئان زېمىنىنى ساڭا بېرىمەن،
ئۇنى مىراس نېسىۋەڭ قىلىپ بېرىمەن» دېدى.
12 ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى،
ھەم ئۇ يەردە مۇساپىر ئىدى.
13 ئۇلار ئەلدىن ئەلگە كۆچۈپ،
بىر پادىشاھلىقتىن يەنە بىر پادىشاھلىققا يۆتكىلىپ يۈرەتتى.
14 شۇنداق بولسىمۇ، پەرۋەردىگار
ھېچكىمنىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشىغا يول قويمىدى،
ئۇلارنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ، پادىشاھلارنى قورقۇتتى:
15 «مېنىڭ تاللاپ مەسىھلىگەنلىرىمگە ھېچ قول تەگكۈزمەڭلار،
پەيغەمبەرلىرىمگە يامانلىق قىلماڭلار» دېدى.
16 ئۇ شۇ زېمىنغا ئاچارچىلىق ئەۋەتىپ،
ھەممە ئاشلىقىنى قۇرۇتۇۋەتتى.
17 ئۇ ئۇلاردىن ئاۋۋال بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى:
ئۇ قۇل قىلىپ سېتىلغان يۈسۈپ ئىدى.
18 ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىرلەندى،
ئۇنىڭ بوينىغا تۆمۈر ھالقىلار باغلاندى.
19 ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى،
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنى سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈپ تاۋلىدى.
20 پادىشاھ كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى قويۇۋەتتى،
خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇنى ئازاد قىلدى.
21 ئۇ ئۇنى ئۆز ئۆيىگە غوجىدار قىلدى،
پۈتۈن مال-مۈلكىگە مەسئۇل قىلدى.
22 ئۆز ۋەزىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىختىيارى بويىچە تەربىيىلەشكە
ۋە ئاقساقاللىرىغا ئىلىم ئۆگىتىشكە ئۇنى تەيىنلىدى.
23 شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلمۇ مىسىرغا كەلدى،
ياقۇب خامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى.
24 ئەمما پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاۋۇتۇپ كۆپەيتتى،
ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن كۈچلۈك قىلدى.
25 ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۆزگەرتتى.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىدىن نەپرەتلىنىشىگە،
ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ھىيلە-مىكىر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويدى.
26 ئۇ ئۆز خىزمەتكارى مۇسا
ۋە ئۆزى تاللىغان ھارۇننى ئۇلارغا ئەۋەتتى.
27 ئۇلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى،
خام زېمىنىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتى.
28 ئۇ قاراڭغۇلۇق ئەۋەتىپ زېمىننى قاراڭغۇ قىلدى.
ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى تۇرمىدى.
29 ئۇ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ،
بېلىقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
30 پاقىلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى باستى،
ئۇلار ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېسىپ كىردى.
31 ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ساناقسىز چىۋىنلار يېتىپ كەلدى،
پاشىلار ئۇلارنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى قاپلىدى.
32 ئۇ يامغۇرنىڭ ئورنىغا مۆلدۈر ياغدۇردى،
ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئوت يالقۇنلىرىنى چۈشۈردى.
33 ئۇ ئۈزۈم تاللىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلدى،
ئۇلارنىڭ زېمىنىدىكى دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋەتتى.
34 ئۇ بۇيرۇغاندا، چېكەتكىلەر،
سان-ساناقسىز ھاشارەتلەر كەلدى.
35 ئۇلار زېمىندىكى بارلىق ئوت-گىياھلارنى يەپ كەتتى،
ئېتىزلارنىڭ ھوسۇللىرىنى يۇتۇپ تۈگەتتى.
36 ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىدىكى ھەممە تۇنجى تۇغۇلغانلارنى،
ئۇلارنىڭ كۈچلۈك چېغىدا تاپقان تۈنجىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
37 ئۇ ئىسرائىلنى نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن چىقاردى.
ئۇنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ھېچبىرى يىقىلىپ چۈشمىدى.
38 ئۇلارنىڭ چىقىپ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى،
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىلدىن قورقۇپ ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى.
39 ئۇ بىر بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ يايدى،
كېچىسى يورۇقلۇق بېرىدىغان بىر ئوت بەردى.
40 ئۇلار يالۋۇرغاندا، ئۇ بۆدۈنىلەرنى ئەۋەتىپ بەردى،
ساماۋى نان بىلەن ئۇلارنى تويدۇردى.
41 ئۇ قورام تاشنى يارغاندا، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىپ،
قاقاسلىقتا دەريادەك ئاقتى.
42 چۈنكى ئۇ خىزمەتكارى ئىبراھىمغا قىلغان
مۇقەددەس ۋەدىسىنى يادىغا ئالدى.
43 ئۇ ئۆز خەلقىنى خۇشاللىق بىلەن،
ئۆز تاللىغانلىرىنى تەنتەنە بىلەن ئازادلىققا چىقاردى.
44 ئۇ ئۇلارغا ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى.
ئۇلار خەلقلەرنىڭ مېھنىتىنىڭ مېۋىسىگە ئىگە بولدى.
45 بۇ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇپ،
قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!