106
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
2 كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك ئىشلىرىنى تولۇق بايان قىلىپ،
ئۇنىڭغا بولغان بارچە رەھمىتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ؟
3 ھەر دائىم ئادالەتنى ياقلايدىغان
ۋە ھەققانىي ئىش قىلىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
4 ئەي پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە كۆرسەتكەن شاپائىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگىن،
نىجاتلىقىڭ بىلەن ماڭا كەلگىن.
5 شۇنداق قىلساڭ، مەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆرۈپ،
خەلقىڭنىڭ شادلىقىدا شادلىنىپ،
مىراسىڭ بولغان مىللەت بىلەن پەخىرلىنىمەن.
6 بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزدەك گۇناھ ئۆتكۈزدۇق،
خاتا ۋە يامان ئىشلارنى قىلدۇق.
7 ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىردا ئاجايىپ ئىشلىرىڭغا ئەتىۋار بەرمىدى،
كۆپلىگەن مەرھەمەتلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى.
ئۇلار دېڭىز بويىدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان قىلدى.
8 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ قۇدرىتىم نامايان بولسۇن دەپ،
ئۇلارنى ئۆز نامى ئۈچۈن قۇتقۇزدى.
9 ئۇ قىزىل دېڭىزغا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنى قۇرۇتتى،
ئۇلارنى چۆلدىن ئۆتكۈزگەندەك دېڭىز ئاستىدىن ئۆتكۈزدى.
10 ئۇ ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن چىقىرىپ،
دۈشمەنلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇردى.
11 ئەمما دۈشمەنلىرىنى سۇ باستى،
ھېچبىرى ھايات قالمىدى.
12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەندى،
ئۇنى مەدھىيىلەپ ناخشىلار ئېيتتى.
13 لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى تېزلا ئۇنتۇدى،
ئۇنىڭ يوليورۇقلىرىنى كۈتمىدى.
14 ئۇلار چۆلدە ئاچ كۆزلۈككە بېرىلدى،
چۆل-باياۋاندا خۇدانى سىنىدى.
15 ئۇ ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى بەردى،
بىراق ئۇلارغا جېنىنى قۇرۇتىدىغان ۋابا ئەۋەتتى.
16 بارگاھتا ئۇلار ھەسەت قىلىشتى مۇساغا
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددىسى بولغان ھارۇنغا.
17 يەر يېرىلىپ داتاننى يۇتۇۋالدى،
ئابىرامنىڭ ئادەملىرىنى كۆمۈۋەتتى.
18 ئۇلارنىڭ جامائىتىگە ئوت تۇتاشتى،
ئوت يالقۇنى يامانلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
19 ئۇلار خورېبتا بىر موزاي بۇتنى ياسىدى،
شۇ قۇيما ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى.
20 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەخىرى-شۆھرىتىنى
ئوت-چۆپ يەيدىغان كالىنىڭ بۇتىغا تېگىشتى.
21 ئۇلار مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان،
ئۇلارنىڭ نىجاتكارى بولغان خۇدانى ئۇنتۇدى.
22 ھام زېمىنىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن،
قىزىل دېڭىز بويىدا ھەيۋەتلىك ئىشلارنى قىلغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدى.
23 خۇدا: «ئۇلارنى ھالاك قىلاي» دېگەندە،
ئۆزى تاللىغان مۇسا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ توسۇپ، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرمىغان بولسا،
ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلغان بولار ئىدى.
24 ئۇلار گۈزەل زېمىننىمۇ كۆزگە ئىلماي رەت قىلدى،
ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى.
25 ئۇلار چېدىرلىرىدا غوتۇلدىشىپ،
پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى.
26 شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قارشى قولىنى كۆتۈرۈپ:
«مەن ئۇلارنى چۆلدە ئۇرۇپ يىقىتىمەن،
27 ئۇرۇق-ئەۋلادىنى يات خەلقلەر ئارىسىدا تۈگەشتۈرىمەن،
يەر-يۈزىدىكى ئەللەرگە ئۇلارنى تارقىتىۋېتىمەن» دېدى.
28 ئۇلار بائال-پېئورغا ئەگىشىپ چوقۇنۇپ،
ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېدى.
29 ئۇلار ئۆز ئەمەللىرى بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغاچقا،
ۋابا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياغدى.
30 پىنىخاس ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆكۈم يۈرگۈزدى.
شۇنىڭ بىلەن ۋابا توختىدى.
31 بۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ھەققانىي دەپ ھېسابلاندى.
بۇ نەسىلدىن نەسىلگە، مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ.
32 مەرىبا سۇلىرىنىڭ بويىدا
ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈردى.
ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى.
33 چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈرگەچكە،
مۇسا لەۋلىرى بىلەن ئويلىمايلا سۆزلەپ سالدى.
34 پەرۋەردىگار ھالاك قىلىڭلار دېگەن خەلقلەرنى
ئۇلار ھالاك قىلمىدى.
35 بەلكى ئۇلار بۇ يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ،
ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆگەندى.
36 ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە بۇ ئۆزلىرىگە تۇزاق بولدى.
37 ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى جىنلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
38 ئۇلار بىگۇناھ قاننى، يەنى ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈپ،
ئۇلارنى كەنئاننىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
زېمىن تۆكۈلگەن قان بىلەن بۇلغىنىپ كەتتى.
39 ئۇلار بولسا ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى.
قىلغانلىرى بىر بۇزۇقچىلىق ئىدى.
40 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى تاشتى،
ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى.
41 ئۇ ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.
ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدىغانلار ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
42 ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىدى،
ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا باشلىرىنى ئېگىشتى.
43 پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتقۇزسىمۇ،
ئۇلار قەستەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىپ،
ئۆز يامانلىقى بىلەن پەسلىشىپ كەتتى.
44 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا،
ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئېتىبار بەردى.
45 ئۇ ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى يادىغا ئالدى،
تەڭداشسىز مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ غەزىپىدىن ياندى.
46 ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتكەنلەرنىڭ قەلبىدە رەھىم-شەپقەت ئويغاتتى.
47 قۇتقۇز بىزنى، ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىمىز.
توپلا بىزنى ئەللەر ئارىسىدىن،
سېنىڭ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر ئېيتىشقا،
سېنىڭ شان-شەرىپىڭنى مەدھىيىلەشكە.
48 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار،
ئەزەلدىن ئەبەدكىچە مەدھىيىلەنسۇن.
ھەممە خەلق «ئامىن» دېسۇن.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!