بەشىنچى بۆلۈم - زەبۇر 107-150
107
1 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدكىچىدۇر.
2 پەرۋەردىگار قۇتۇلدۇرغانلار مۇنداق دېسۇن،
دۈشمەننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇلغانلار،
3 ئۇ ئەللەردىن توپلاپ، شەرق ۋە غەربتىن،
جەنۇب ۋە شىمالدىن ئېلىپ كەلگەنلەر مۇنداق دېسۇن.
4 ئۇلار چۆل-باياۋاننى كېزىپ،
ئادەم ئاياغ باسمىغان يولدا مېڭىپ،
تۇرغىلى ھېچبىر شەھەر تاپالماستىن،
5 ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا جېنى چىقاي دېدى.
6 ئۇلار ئېغىر ئازابتا قالغىنىدا پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى.
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ،
7 ماكانلاشقۇدەك بىر شەھەرگە يېتكۈزۈش ئۈچۈن،
ئۇلارنى تۈز يولغا باشلىدى.
8 ئۇلار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتسۇن،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئۈچۈن
ۋە ئادەم بالىلىرىغا قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرى ئۈچۈن.
9 چۈنكى ئۇ چاڭقىغان جاننىڭ تەشنالىقىنى قاندۇردى،
ئاچ قالغان جاننى نېمەتلەر بىلەن تويدۇردى.
10 بەزىلەر زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا، ئۆلۈم سايىسىدا ئولتۇرغانىدى،
ئازاب چېكىپ، تۆمۈر كىشەن بىلەن باغلانغانىدى.
11 چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلغانىدى،
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نەسىھەتىنى كۆزگە ئىلمىغانىدى.
12 ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كۆڭلىنى كەمتەر قىلدى.
ئۇلار يىقىلىپ چۈشكەندە ھېچكىم ياردەم بەرمىدى.
13 ئۇلار ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغىنىدا پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى.
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزدى.
14 ئۇ ئۇلارنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتىن ۋە ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ،
زەنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
15 ئۇلار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتسۇن،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئۈچۈن
ۋە ئادەم بالىلىرىغا قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرى ئۈچۈن.
16 چۈنكى ئۇ مىس دەرۋازىلارنى سۇندۇردى،
تۆمۈر تاقاقلارنى كېسىپ تاشلىدى.
17 بەزىلەر ئەخمەق بولۇپ، ئۆز ئاسىيلىقى،
يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب چەكتى.
18 ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھەر خىل تاماقتىن بىزار بولۇپ،
ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىپ قالدى.
19 ئۇلار ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغىنىدا پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى.
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزدى.
20 ئۇ ئۆز سۆزىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ساقايتتى،
ئۇلارنى گۆردىن قۇتقۇزدى.
21 ئۇلار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتسۇن،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئۈچۈن
ۋە ئادەم بالىلىرىغا قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرى ئۈچۈن.
22 ئۇلار ئۇنىڭغا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنسۇن،
ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا بايان قىلسۇن.
23 بەزىلەر دېڭىزدا كېمىلەردە يۈرۈپ،
ئۇلۇغ سۇلاردا تىرىكچىلىك قىلدى.
24 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمەللىرىنى
ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر سۇلاردىكى ئاجايىپ ئىشلىرىنى كۆردى.
25 ئۇ بۇيرۇق قىلىپ بوران چىقىرىپ،
دولقۇنلارنى ئۆرلىتىپ ئۆركەشلەتتى.
26 كېمىلەر لىڭشىپ ئاسمان-پەلەككە كۆتۈرۈلۈپ،
ئاندىن چوڭقۇرغا چۈشكەندە،
دەھشەتتىن ئۇلارنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا كەلدى.
27 ئۇلار دەلدەڭشىپ مەست كىشىدەك پۇتلىشىشتى،
ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھېكمەتلىرى ئىشقا يارىمىدى.
28 ئاندىن ئۇلار ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى،
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزدى.
29 ئۇ بوراننى پەسلىتىپ توختاتتى،
دولقۇنلارمۇ تىنچلاندى.
30 تىنچلانغاندىن كېيىن ئۇلار شادلاندى.
ئاندىن ئۇ ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان پورتقا يېتەكلىدى.
31 ئۇلار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتسۇن.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئادەم بالىلىرىغا قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ھەمد ئېيتسۇن.
32 ئۇلار جامائەت ئىچىدە ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن،
ئاقساقاللارنىڭ مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلىسۇن.
33 ئۇ ئېقىنلارنى باياۋانغا
ۋە بۇلاقلارنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرار.
34 ئاھالىسىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن
ئۇ مۇنبەت يەرنى شورلۇق قىلار.
35 ئۇ چۆل-باياۋاننى كۆلگە،
قۇرغاق يەرنى سۇ بۇلىقىغا ئايلاندۇرار.
36 ئۇ ئاچ قالغانلارنى ئۇ يەرگە جايلاشتۇرار.
ئۇلار ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان بىر شەھەر قۇرىدۇ.
37 ئۇلار ئېتىزلارغا زىرائەت تېرىدۇ، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىدۇ.
مېۋىلىرى مول ھوسۇل بېرىدۇ.
38 خۇدا ئۇلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى كۆپەيتىدۇ،
چارۋا ماللىرىنىڭ كېمىيىشىگە يول قويمايدۇ.
39 كېيىن ئۇلار يەنە كېمىيىپ،
غەم-زۇلۇمدىن سىقىلىپ ئازىيىپ پەسلىشىپ كېتىدۇ.
40 ئۇ ئېسىلزادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكەر،
ئۇلارنى يولى يوق چۆللەردە سەرگەردان قىلار.
41 ئۇ مىسكىنلەرنى مۇشەققەتتىن چىقىرىپ ساقلار،
ئۇلارنىڭ جەمەتىنى قوي پادىسىدەك كۆپەيتەر.
42 دۇرۇسلار بۇنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ.
ھەممە يامانلارنىڭ ئاغزى يۇمۇلىدۇ.
43 كىمكى دانا بولسا، بۇنى بايقىسۇن،
پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمەتلىرىنى چۈشەنسۇن.