108
‏1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 مېنىڭ كۆڭلۈم تەييار، ئەي خۇدا.
مەن ھەمدۇسانا ئېيتىمەن،
پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن.
‏3 ئەي چىلتار بىلەن لىرا، ئويغانغىن!
سەھەرنىڭ قۇياشىنى ئويغىتاي.
‏4 ئەي پەرۋەردىگار، خەلقلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن،
ئەللەر ئارىسىدا ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن.
‏5 چۈنكى سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ ئاسمانلاردىن ئۈستۈندۇر،
ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشقاندۇر.
 
‏6 ئەي خۇدا، ئاسمانلار ئۈستىدە ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىغاي.
‏7 سېنىڭ سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن،
ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغىن، جاۋاب بەرگىن ماڭا.
 
‏8 خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىكىدە مۇنداق دېگەن:
«مەن غالىب كېلىمەن، شەكەمنى بۆلىمەن
ۋە سۇككوت ۋادىسىنى ئۆلچەيمەن.
‏9 گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر،
ماناسسەمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر.
ئەفرائىم بولسا بېشىمنىڭ دۇبۇلغىسىدۇر،
يەھۇدا سەلتەنەت ھاسامدۇر.
‏10 موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش دېسىمدۇر، ئېدومغا چورۇقۇمنى ئاتىمەن،
فىلىستىيە ئۈستىدىن غالىب كېلىپ تەنتەنە قىلىمەن».
‏11 كىم مېنى سېپىللىق شەھەرگە باشلاپ كىرىدۇ؟
كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارىدۇ؟
‏12 ئەي خۇدا، سەن ئۆزۈڭ بىزنى تاشلىۋەتتىڭ ئەمەسمۇ؟
ئەي خۇدا، قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە چىقماس بولدۇڭ ئەمەسمۇ؟
‏13 دۈشمەنگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن،
چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر!
‏14 بىز خۇداغا تايىنىپ باتۇرلۇق قىلىمىز،
ئۇ دۈشمەنلىرىمىزنى دەسسەپ-چەيلەيدۇ.