109
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
ئەي مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدا، سۈكۈت قىلما.
‏2 چۈنكى يامانلار ۋە ھىيلىگەرلەرنىڭ ئاغزى ماڭا قارشى ئېچىلدى.
ئۇلار يالغانچى تىلى بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىۋاتىدۇ.
‏3 نەپرەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئۇلار چۆرەمنى ئورىۋېلىپ،
ماڭا سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلدى.
‏4 مېنىڭ كۆرسەتكەن مۇھەببىتىم ئۈچۈن
ئۇلار ماڭا قارشى چىقتى.
ئەمما مەن دۇئا قىلىپ تۇردۇم.
‏5 ئۇلار ياخشىلىقىمغا يامانلىق،
مۇھەببىتىمگە نەپرەت قايتۇردى.
 
‏6 سەن ئۇنى سوتلايدىغان بىر يامان كىشىنى تەيىنلىگىن،
بىر ئەيىبلىگۈچى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرسۇن.
‏7 ئۇ سوراق قىلىنسا، ئەيىبكار بولۇپ چىقسۇن،
ئۇنىڭ دۇئاسىمۇ گۇناھ ھېسابلانسۇن.
‏8 ئۇنىڭ كۈنلىرى قىسقا بولسۇن،
ئۇنىڭ مەنسىپىنى باشقىسى ئالسۇن.
‏9 ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىم بولسۇن،
خوتۇنى تۇل قالسۇن.
‏10 ئۇنىڭ بالىلىرى تىلەمچىلىك قىلىپ سەرگەردان بولسۇن،
ۋەيرانە ئۆيلىرىدىن ئۇزاقلاردا نان تىلەپ يۈرسۇن.
‏11 ئۇنىڭ پۈتۈن بارلىقىنى جازانىخور ئېلىۋالسۇن،
ئىشلەپ تاپقىنىنى ياتلار تارتىۋالسۇن.
‏12 ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدىغان كىشى بولمىسۇن،
يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ھېچكىم چىقمىسۇن.
‏13 ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى يوقىتىلسۇن،
كېلىدىغان نەسىلگىچە ئىسىملىرى ئۆچۈرۈلۈپ كەتسۇن.
‏14 ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يامانلىقلىرى
پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا بولسۇن،
ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىسۇن.
‏15 بۇلار ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن،
ئۇ ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىسۇن.
‏16 چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشنى ھېچ ئويلىمىدى،
ئەكسىچە كەمبەغەل-بىچارىلەرنى قوغلاپ يۈردى،
دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلدى.
 
‏17 ئۇ لەنەت ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەچكە،
ئۇنىڭ بېشىغا لەنەت كەلسۇن.
بەرىكەت تىلەشنى خالىمىغاچقا،
بەرىكەت ئۇنىڭدىن يىراق بولسۇن.
‏18 ئۇ لەنەتنى كىيىمدەك كىيىۋالغاچقا،
لەنەت ئۇنىڭ ئىچىگە سۇدەك كىرسۇن،
ئۇستىخانلىرىغا ياغدەك سىڭسۇن.
‏19 بۇ ئۇنىڭغا يېپىنىدىغان تون،
ھەمىشە باغلايدىغان بەلۋاغ بولسۇن.
‏20 بۇلار، ماڭا قارشى تۇرغۇچىلار
ۋە جېنىمغا قارشى يامان سۆزلىگۈچىلەر ئۈچۈن،
پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن جازا بولسۇن.
 
‏21 لېكىن سەن، ئەي رەببىم پەرۋەردىگار،
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن ماڭا ئىلتىپات قىلغىن،
مېھىر-شەپقىتىڭ كاتتا بولغاچ مېنى قۇتقۇزغىن.
‏22 چۈنكى مەن بىچارە ۋە ھاجەتمەن،
قەلبىم يارىلاندى.
‏23 مەن ئۇزارغان كۆلەڭگىدەك يوقىلىۋاتىمەن،
چېكەتكىدەك قېقىلىۋاتىمەن.
‏24 روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم تىترەپ،
بەدىنىم ئورۇقلاپ كەتتى.
‏25 مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاقارەتكە ئۇچرىدىم،
ئۇلار مېنى كۆرگەندە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.
 
‏26 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ماڭا ياردەم قىلغىن،
ئۆز مېھىر-شەپقىتىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغىن.
‏27 ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلار بۇ ئىشتا سېنىڭ قولۇڭ بارلىقىنى،
بۇنى سېنىڭ قىلغانلىقىڭنى بىلسۇن.
‏28 ئۇلار لەنەت ئوقۇسىمۇ، سەن بەرىكەت ئاتا قىلغايسەن.
ئۇلار ھۇجۇم قىلسا رەسۋا بولسۇن.
بىراق سېنىڭ خىزمەتكارىڭ شادلانسۇن.
‏29 دۈشمەنلىرىم خىجالەتكە پۈركەنسۇن،
ئۆز شەرمەندىلىكىنى تون قىلىپ يېپىنسۇن.
‏30 مەن پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋازدا شۈكۈر ئېيتىمەن،
كۆپچىلىك ئارىسىدا ئۇنى مەدھىيىلەيمەن.
‏31 چۈنكى ئۇ مىسكىنلارنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇپ،
جانلىرىنى سوراققا تارتقانلاردىن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.