110
‏1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە:
«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى پۇتلىرىڭ ئاستىغا قويغانغا قەدەر
مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» دېدى.
‏2 پەرۋەردىگار سېنىڭ سەلتەنەت ھاساڭنى سىئوندىن ئەۋەتىدۇ.
سەن دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن.
‏3 كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە خەلقىڭ
پىدائىي بولۇپ تەييار بولىدۇ.
مۇقەددەس شان-شەرەپتە چىققان يىگىتلىرىڭ
تاڭنىڭ باغرىدىكى شەبنەمدەك كۆرۈنىدۇ.
‏4 پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ:
«سەن مەلكىسەدىقنىڭ قاتارىدا
ئەبەدىلئەبەد كاھىن بولىسەن»
دېگەن سۆزىدىن ھەرگىز يانمايدۇ.
‏5 رەببىمىز سېنىڭ ئوڭ يېنىڭدا.
ئۇنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈندە
ئۇ پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىدۇ.
‏6 ئۇ ئەللەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ،
يەرنى ئۆلۈكلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.
ئۇ نۇرغۇنلىغان مەملىكەتلەرنىڭ باشلىرىنى ئېزىدۇ.   
‏7 ئۇ يولدا ئېقىندىن سۇ ئىچىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن كۈچ كىرىپ بېشىنى كۆتۈرىدۇ.