111
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەجلىسىدە ۋە جامائەت ئىچىدە،
چىن كۆڭلۈمدىن پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىمەن.
2 پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرى ئۇلۇغدۇر.
ئۇلاردىن خۇشال بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار ھەققىدە ئىزدىنىدۇ.
3 ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى شان-شەرەپلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر،
ئۇنىڭ ئادالىتى ئەبەدكىچىدۇر.
4 ئۇ ئۆز ئاجايىپ ئىشلىرىنى خاتىرىلەشنى بېكىتتى.
پەرۋەردىگار شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.
5 ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىغا رىزقىنى بېرەر،
ئەبەدكىچە ئۆز ئەھدىسىنى ئېسىدە تۇتار.
6 ئۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ،
ئۇلارغا ئەللەرنىڭ مىراسىنى بەردى.
7 ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەت ۋە ئادىللىقتۇر،
كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىكتۇر.
8 ئۇلار ئەبەدىلئەبەدكىچە مەزمۇتتۇر،
ئۇلار ۋاپادارلىق ۋە ھەقىقەت بىلەن تۈزۈلگەندۇر.
9 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى.
ئۇ ئەھدىسىنى ئەبەدكىچە ئىناۋەتلىك قىلدى.
ئۇنىڭ نامى مۇقەددەس ۋە ھەيۋەتلىكتۇر.
10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھېكمەتنىڭ باشلىنىشىدۇر،
ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەقلى ساغلامدۇر.
پەرۋەردىگارغا بولغان مەدھىيەلەر مەڭگۈ تۈگىمەس.